Uyghur←ChineseMain Dictionary
پۇلىتسېر
Domain: دۇنيا تارىخى普利策
pǔ lì cè
(1847 - 1911)، ئامېرىكىلىق گېزىتچى. ۋېنگرىيىدە تۇغۇلغان. 1864-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە قوشما شتاتلار ئارمىيىسىگە كىرگەن. 1867-يىلى ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ھەمدە ئادۋوكات سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئىككىنچى يىلى نېمىسچە گېزىت <غەرب پوچتىسى>، <سان لوئىس تېلېگرامما خەۋىرى> گېزىتلىرىنى سېتىۋېلىپ، يىلمۇيىل پايدا ئالغان. 1883 - يىلى شەرقىي قىسىمغا قايتىپ بېرىپ، <نيۇ - يورك دۇنيا گېزىتى> نى سېتىۋالغان. 1887-يىلى <دۇنيا كەچلىك گېزىتى> نى تەسىس قىلغان. قورال كۈچى ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى، مۇستەملىكە تالىشىپ ئىسپانىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى جېنىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلغان. ئۇ باشقۇرغان گېزىتلار پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە ئىقتىسادىي گۇرۇھلارنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۇچرىمىغان، باش ماقالىلەرنى كۆپلىگەن پاش قىلىش خاراكتېرلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق قوللاپ، ئىسلاھاتچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كولومبىيە داشۆسىنىڭ ئاخبارات ئىنستىتۇتىنى قۇرغان ھەمدە ئاخبارات، ئەدەبىيات قاتارلىق پۇلىتسېر مۇكاپاتلىرىنى تەسىس قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.