Chinese→UyghurMain Dictionary
普拉特修正案
دۇنيا تارىخى
پلات تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى
ئامېرىكا كۇبانىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسىگە مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرغان قۇل قىلىش خاراكتېرلىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھى. 1901-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كۇبا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى پلات (1827 - 1905) ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنى ئاساسىي مەزمۇنى: كۇبا ئامېرىكىنىڭ رۇخسىتىسىز چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ئىمزالىمايدۇ ياكى پۇل قەرز ئالمايدۇ؛ ئامرىكا كۇبادا ھەربىي پورت ياساش، كۆمۈر قاچىلاش پونكىتىنى ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىسى قاتارلىقلارنى ئىجارىگە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، كۇبا بۇ لايىھىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۇنى كۇبا ئاساسىي قانۇنىغا قوشۇمچە قىلىپ كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. كۇبا خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى تۈپەيلىدىن، ئامېرىكا 1934-يىلى مەزكۇر تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما ئۆزىنىڭ كۇبانىڭ گۇەنتانامودىكى ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قالغان