Chinese→UyghurMain Dictionary
普法尔茨伯爵
دۇنيا تارىخى
پفالز گرافى
ئەسلىدە فرانكىيە دۆلىتىنىڭ كورۇل ئوردىسىدىكى ئەمەل نامى. Ⅹ ئەسىردىن باشلاپ، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى لوررائېن، ساكسونىيە، شۋابېن ۋە باۋارىيە قاتارلىق جايلارغا پفالز گرافى ئەۋەتىپ، ئاساسەن شۇ جاينىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغان. كېيىن فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى جايلارنىڭ پفالز گرافلىقى مىراس قالىدىغان ئەمەلگە ئايلانغان.
دۇنيا تارىخى
پفالز
ئوتتۇرا ئەسىردە گېرمانىيە زېمىنىدىكى بىر كىنەزلىك بولۇپ، تەخمىنەن ⅩⅡ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ كىنەزى پفالز گرافى دېگەن ئۇنۋانغائ ىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، پفالز گرافلىقى دەپمۇ ئاتالغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىد پفالز گرافى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بېگىگە ئايلانغان. پفالزنىڭ زېمىنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن: يۇقىرى پفالز يەنى رېين پفالز مائىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا، رېين دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان؛ تۆۋەن پفالز باۋارىيە كىنەزلىكىنىڭ شەرقىگە، ئامبېرگ ۋە رېگېنسبېرگنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا جايلاشقان. شۇڭا يۇقىرى، تۆۋەن پفالز جۇغراپىيە جەھەتتە ئۆزئارا تۇتاش ئەمەس. 1619-يىلى پفالزنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بېگى فرېدرىخ Ⅴ نىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بەگىلىك ئۇنۋانىنى تارتىۋېلىپ، بۇ ئۇنۋاننى باۋارىيە كىنەزىگە بەرگەن. فرېدرىخ Ⅴ نىڭ ئوغلى چارلېس 1648-يىلى <ۋېستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى> غا ئاساسەن، تۆۋەن پفالزغا قايتىدىن ئىگە بولغان.