UyghurMain Dictionary
پۈتۈن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېنىقلاش ئالماشلىرى، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئومۇمىيلىقىنى ئېنىقلايدۇ.
بايرام بارچىنىڭ، توي تېگىشلىكىنىڭ. ھەممىنى بىلىمەن دېيىش بىرنىمۇ بىلمەسلىك. ھەممە ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم. ھاياتنىڭ پۈتۈن خۇشاللىقى ئىجادىيەتتۇر. ھەممىلا تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىۋەرمەيدۇ. ھەممىلا ئەگرى ياغاچ يا بولىۋەرمەيدۇ. ئاتاقلىق ئۇسسۇل رېژىسسورى ھاجى راخمان ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى ئۇيغۇر خەلق ئۇسۇلىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېغىشلىغان. موللا ھوشۇرنىڭ بارى شۇ. بار - يوقى بىر بالام _ باش - كۆزى تاز بالام. بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كۈنگە مۇھتاج. جىمى ئالەم گۇۋاھ بولسۇن، سەندىن ئۆزگە يارىم يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مۇكەممەل، كەم - كۇتىسىز.
چالا، چالا - بۇلا، چالا - پۇچۇق، كەمتۈك
پۈتۈن ئەمەس، تولۇق ئەمەس.
ئەنجام تولۇق بولسا، ئىش پۈتۈن بولىدۇ. چالا - بۇلا ئىش قىلىش چاتاق ئىشقا ئېلىپ بارىدۇ. چالا - پۇچۇق ئىشتىن مەززە يوق. ئات ھارۋاڭ كەتسە كەتسۇن، غاڭزاڭنى چالا قاقما. خالتىنى تولۇق قاقما، تېگىدە ئازراق ساقلا. دوستلۇق ئايغا ئوخشايدۇ، تولۇق بولمىسا كەمتۈك بولىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۇزۇلمىغان.
بۇزۇق، سۇنۇق
بۇزۇلغان، سۇنغان.
ساق تۇخۇمغا چىۋىن قونماس. خوتۇنى ياماننىڭ قازىنى سۇنۇق، ئېرى ياماننىڭ پىچىقى پۇچۇق. بۇزۇق ئوقيا ئاتقاننىڭ ئۆزىمۇ قورقار، ئالدىدىكى ئاەممۇ قورقار. نېنى پۈتۈننىڭ تېنى پۈتۈن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىشەنچىلىك، چىنپۈتكىلى بولىدىغان.
چىنپۈتكىلى بولىدىغان كىشى.
1 - 517
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پۈتۈن، ساق، مۇكەممەل.
پۈتۈن يارماق _ پۈتۈن يارماق، پۇچۇلمىغان يارماق.
1 - 518
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
سۇنمىغان، كەم يېرى يوق، پارچە ياكى يېرىم ئەمەس؛
پۈتۈن نان.
بوغۇزنى پۈتۈن يېسە، ئايىغىدىن تۈتۈن چىقار (ماقال).
بارلىق، بارچە، ھەممە.
پۈتۈن دۇنيا. پۈتۈن كادىرلار.
ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر ناخشىسىى ئارقىلىق قەلىب سىرىنى پۈتۈن يۇرتقا جاكارلىدى.
تولۇق، مۇكەممەل.
ئۇلار يىل بويى ئىشلىسىمۇ قورسىقى توتويمايتتى، كىيىمى پۈتۈن بولمايتتى.
كۆچمە. خاتىرجەم؛ توق (كۆڭۈل ھەققىدە).
مانا ھەبىبۇل ئەل غېمىدە ئەسكەر بولدى، يۇرت كۆردى، كۆزى ئېچىلدى، چېنىقتى، ئەمدى ئۇنى ھەر قانداق ئىشقا قويمايتتى، كۆڭلىمىز پۈتۈن تۇرىدۇ.
<مات> كەسىر سانى بولمىغان، كەسىرگە ئايلانمىغان؛
پۈتۈن سان.
چوڭ، بارچە ئەمەس (پۇل ھەققىدە).
بانكىدىن مىڭ يۈەن پۇل ئالسام ساپ يۈز يۈەنلىك، ئون يۈەنلىك پۈتۈن پۇل بەردى