Chinese→UyghurMain Dictionary
普菜尔
پسىخولوگىيە
پرېيېر
گىرمانىيلىك فىزىئولوگ ۋە ئېكېسپېرىمېنتال پىسخولوگ. ئۇ 1882_ يىلى « بالىلار پىسخولوگىيىسى » ناملىق ئەسىرى نەشىر قىلىنىش بىلەن پىسخولوگىيىسىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ بونن بىلەن پارىژدا گېرمانىيلىك فىزىئولوگ بېرنارد دىن ئۆگەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان. كېيىن يېنا ئۇنىۋېرىستېتدا لېكتور بولۇپ، ئاخىرى فىزىئولوگىيە بويىچە پروفېسسورلۇققا كۆتۈرۈلگەن. لېكىن بېرلىننىڭ ئىلمىي ھاۋاسىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن يېنادىكى دەرسىدىن ئستىپا بېرىپ، بېرلىننىڭ لېكتورلۇقىغا رازى بولغان. ئۇ ۋوند دىن كىچىك، ئېببىنگېخائۇش دىن چوڭ بولۇپ، فېخنېدنىڭ ئاغىنىسى ئىدى. ئۇلار ئىككىسى بىر _ بىرىگە خەت يېزىشىپ تۇراتتى. گېرمانىيدە يېڭى پىسخولوگىيە بەرپا بولغان مەزگىلدە ئۇ ئېببىنگخائۇس بىلەن فىزىك كونىگ لار قۇرغان « سەزگۈ ئەزالار فىزىئولوگىيىسى ۋە فىزىئولوگىيە ژورنىلى » دا تەھرىرلىك قىلغان. بۇ ژۇرنال ۋوند ئىلمىي ئېقىمدىن باشقا ئالىملار گۇرۇھىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. 1882 _ يىلىدىن كېيىن، ئۇ، بالىلار بالىلار پىسخولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقارغان. « بالىلار پسخولوگىيىسى »دېگەن كىتابىدىن باشقا يەنە كۆرۈش سەزگۈسى ۋە ئاڭلاش سەزگۈسىگە دائىر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان. «بالىلار پىسخولوگىيىسى » دېگەن كىتابىنى ئۇ ئۆزىنىڭ بالىسى ئۈستىدە سىستېمىلىق كۈزىتىش ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا يازغان. بۇ كىتاب ئۈچ قىسمدىن ئىبارەت بولۇپ، بىرىنچى قىسمدا سەزگۈنىڭ تەرەققىياتى؛ ئىككىنچى قىسمدا ئىرادىنىڭ تەرەققىياتى، ئاساسەن ھەرىكەت تەرەققىياتى؛ ئۈچىنچى قىسمدا ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئاساسەن نۇتۇق تەرەققىياتى بايان قىلىنغان، بۇ كىتاب ھازىرمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.