UyghurMain Dictionary
پۇڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
خەلق پۇلىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى.
بىر يۈەن ئون جياۋ (ماۋ)، بىر جياۋ ئون پۇڭ. * بىر قاپ سەرەڭگە ئىككى مو بەش پۇڭغا چىقىپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
جۇڭگوچە يەر يۈزى ئۆلچەم بىرلىكى، مونىڭ ئوندىن بىرى.
تەخمىنەن 66 كۋادرات مېتىرغا تەڭ. * يېزىمىزدا جان بېشىغا ئىككى مو تۆت پۇڭدىن يەر توغرا كەلدى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
پۇڭ - يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ كىچىك پۇل بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ، 100 پۇڭ 1 يۈەنگە تەڭ بولىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا ئۇ <تىيىن> دېيىلىدۇ، جەنۇبتا بولسا <سىنىت> (خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلاردا) ۋە <پۇڭ> (قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا) دېيىلىدۇ. بازار سىستېمىسىدا بىر پۇڭ 10 لىغا تەڭ. ئۇ يەنە يەر مەيدان بىرلىكى قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
پۇڭ Ⅱ - ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى <分> دىن كەلگەن. بىر پۇڭ = 0.1 مو = 10 لى. ئۇ يەنە پۇل بىرلىكى قىلىپمۇ قوللىنىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
خەنزۇچە
يەر يۈزى ئۆلچەم بىرلىكى، كۆلىمى تەخمىنەن 66 كۋادرات مېتىرغا تەڭ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
خەنزۇچە
ئەڭ كىچىك پارچە پۇل بىرلىكى، بىر پۇڭ ئون لىغا تەڭ بولىدۇ.