Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېترىئې
Domain: دۇنيا تارىخى比特里
bǐ tè lǐ
(1853 - 1948) ئەنگىلىيە ئارخېئولوگى. ياش ۋاقتىدا ئەنگىلىيەدە <ھالقىسىمان تاشلار> نى تەتقىق قىلغان. 1881 - يىلدىن باشلاپ، مىسىردا بىرقاتار ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ئاساسلىقى ناچادا دىن ئالدىنقى خاندانلىق دەۋرىگە ئائىت قەبرىلەرنى، ئابىدوستىن بىرىنچى، ئىككىنچى خاندانلىق دەۋرىگە ئائىت پادىشاھ قەبرىلىرىنى قېزىپ چىقىپ، دەسلەپكى خاندانلىق دەۋرىگە ئالاقىدار ھەرخىل مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ قىياپىتىنى ئېنىقلاپ بەرگەن. <مىسىر - ئەنگىلىيە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى> نى قۇرۇپ چىققان. مىسرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا پەلەستىن رايونىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىقات قىلىش ئېلىپ بارغان. <مىسىر تارىخى>، <ئارخېئولوگىيىلىك ئۇسۇل ۋە مەقسەت>، <مەدەنىيەتلىك ئىنقىلاب> ۋە ھەر قېتىملىق قېزىلمىلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى彼得里〈澳〉
bǐ dé lǐ 〈ào 〉
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.