Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېترلو پاجىئەسى
Domain: دۇنيا تارىخى彼得卢惨案
bǐ dé lú cǎn àn
1819 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئەنگىلىيە بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتى ئىشچىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنى قىرغىن قىلغان ۋەقە. ئەينى چاغدىكى كىشىلەر بۇ ۋەقەنى <ۋاتېرلو جېڭى> غا ئوخشىتىپ مەسخىرە قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. فرانسىيەگە قارشى بىر نەچچە يىل ئۇرۇش قىلغانلىقتىن، ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي تۆۋەنلەپ، ھۆكۈمەت بارغانسېرى ئەكسىيەتچىلىشىپ، خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان،بۇرژۇئازىيە لىبېرالىستلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئەدەپ كەتكەن، ئىشچىلار ۋە شەھەر ئاھالىسى دائىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نامايىش قىلىپ پارلامېنتقا تەلەپ قويغان. 1819 - يىل 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، 60 مىڭدىن ئوشۇق كىشى مانچېستېرنىڭ سان پېتر مەيدانىغا يىغىلىپ، سايلام ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ۋە ئاشلىق نىزامىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قانلىق باستۇرغان، جەمئىي 11 ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 600 دىن ئوشۇق ئادەم يارىدار بولغان، ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرەپ <ئالتە ماددىلىق قانۇن> نى ئېلان قىلىپ، سۆز، يىغىلىش ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.