Uyghur←ChineseMain Dictionary
پسىخكىنىڭ گېنېئالوگىيىلىك تەرەققىياتى
پسىخولوگىيە
心理的种系发展
xīn lǐ de zhǒng xì fā zhǎn
ھايۋان پسىخىكىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئادەم ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغىچە بولغان تارىخ بولۇپ، بۇ ناھايىتى ئۇزۇن تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانى. پسىخىكا بىر خىل يۇقىرى دەرىجلىك ئىنكاس شەكلى بولۇپ، ئۇ ماددىي دۇنيانىڭ ئۇزۇن زامان تەرەققىي قىلىشىنىڭ مەھسۇلى. ھايۋان پەيدا بولغاندىن كېيىن پسىخىكا پەيدا بولغان. ھايۋان پسىخىكىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئۇ گېنېئالوگىيىلىك تەدرىجىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ تەرەققى قىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئادەمگە خاس بولغان پسىخىك ھادىسە - ئاڭ پەيدا بولغان. جەمئىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار ئىپتىدائىي ئادەمدىن تەدرىجىي تەرەققى قىلىپ، ھازىرقى زامان ئادىمىگە ئايلانغان. ئادەم ئېڭىمۇ بىر ئۇزۇن زامان تەرەققىيات جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن پسىخىكىنىڭ گېنېئالوگىيىلىك تەرەققىياتى ھايۋان پسىخىكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىلەن ئىنسانلار پسىخكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھايۋان پسىخكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئىنسانلار پسىخىكىسى تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى تارىخى بولۇپ، پسىخىك ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ۋە ھايۋان پسىخىكىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىنسانلار پسىخىكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھايۋان پىسخىكىسىنىڭ داۋامى بولۇپ، ماھىيەت جەھەتتىن بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى تەرەققىيات فورمىسىدۇر. بۇ ئىنسان ئېڭىنىڭ قانداق قىلىپ ئەمگەك بىلەن تىلنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولۇپ تەرەققى قىلغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ. پسىخكىنىڭ گېنېئالوگىيىلىك تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىش پسىخىكىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدىن پسىخىكىنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.