Uyghur←ChineseMain Dictionary
پسخىك جەريان
پسىخولوگىيە
心理过程
xīn lǐ guò chéng
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقىنىڭ تەسىرىگە بىلدۈرگەن رېئاكسىيە پائالىيىتى ۋاقىت جەھەتتىن مۇئەييەن بىر جەرياندىن ئۆتىدۇ. بەلكى ئۇلاردا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سان ۋە سۈپەت ئۆزگىرىش جەريانى، يەنى پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە مۇكەممەللىنىش جەريانى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى پىسخىك جەريان دەيمىز. بۇ پىسخولوگىيىنىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرىدىن بىرى، تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ بىر قىسمى. پىسخىك جەريان بىلىش، ھېسيات، ئىرادە قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان.