UyghurMain Dictionary
پىشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆسۈپ، راۋاجلىنىپ ئىستېمال قىلىشقا، ئىشلىتىلىشكە بولىدىغان، ياراملىق ھالغا كەلمەك؛ يېتىلمەك (مېۋە - چېۋە، دانلىق زىرائەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار ھەققىدە).
پىشقان قوغۇن ساپىقىدا تۇرماس (ماقال).
قورۇش، قاينىتىش، دۈملەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىستېمال ئۈچۈن تەييارلانماق.
تاماق پىشماق.
بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس (ماقال).
كۆچمە. بىرەر ئىشقا، ساھەگە تەجرىبىلىك بولۇپ يېتىلمەك.
كەسىپكە پىشماق.
كۆچمە. چېنىقماق، تاۋلانماق.
بەختىيار سۆزلەۋېتىپ، ئەمگەكتە پىشقان قاتمال قوللىرى بىلەن سائادەتنىڭ پاختىدەك ئاق، يۇمشاق قوللىرىنى ئاستا تۇتتى.
كۆچمە. قارار قىلماق، بىرلىككە كەلمەك (مەسلىھەت ھەققىدە).
شۇ كېچىدە مەسلىھەت پىشتى. چېرىكلەر تاڭ ئاتقاندا جەڭگە ئاتلىنىشقا پەرمان بېرىلدى.
كۆچمە. يېتىپ كەلمەك؛ ھازىرلانماق (ۋاقىت، پەيت، شەرت - شارائىت ھەققىدە).
شەرت - شارائىتى پىشماق.
كۆچمە. سىڭىش بولۇپ قالماق، ئادەت بولماق (كۆزى ۋە قۇلاققا).
كۆزى پىشماق.
بۇ گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ، مېنىڭ قۇلىقىم پىشىپ قالدى.
كۆچمە. چىڭدالماق، پىششىقلانماق.
كىگىز پىشتى. خىش ياخشى پىشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۇيۇقلۇققا چىلاپ ھۆل قىلماق، چۆمۈلدۈرمەك.
سۇغا پىشماق.