Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېشاۋۇر قوزغىلىڭى
Domain: دۇنيا تارىخى白沙瓦起义
bái shā wǎ qǐ yì
ھىندىستاندىكى پېشاۋۇر (بۈگۈنكى پاكىستاندا) خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلىڭى. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى 1930-يىلى 4-ئايدا پېشاۋۇر شەھىرىدىكى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنىڭ ۋە خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ بىر نەچچە رەھبىرىنى قولغا ئالغان. 23-ئاپرېل سەھەردە پېشاۋۇر شەھىرىنىڭ بىر توپ نامايشچىلار ئاممىسى قولغا ئېلىنانلارنى تۈرمىگە ئەكىتىۋاتقان ئاپتوموبىلنى توسۇۋالغان ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر ئەسكەر ئەۋەتىپ قوزغىلاڭنى باستۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە - ھىندىستان ئارمىيىسىدىكى كۆپلىگەن ئەسكەرلەر ئوق چىقىرىشنى رەت قىلىپ، قوراللىرىنى قوزغىلاڭچىلارغا بەرگەن. نەتىجىدە ئەنگلىيە - ھىندىستان ئارمىيىسى چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. قوزغىلاڭچىلار پېشاۋۇرنى ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك تىزگىنلىگەن. 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.