Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېرىئوسلار
Domain: دۇنيا تارىخى庇里阿西人
bì lǐ ā xī rén
پېرىئوس - <چەت - ياقا يۈرت ئاھالىسى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ سپارتا تەۋەلىكىدىكى بېقىندى ئاھلىلەرنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ قىسمى بويسۇندۇرۇلغان ئاخىيلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولۇپ، بېقىندىلارغا ئايلانغان. ئۇلار شەھەر ئەتراپى، تاغلىق رايون ۋە دېڭىز قىرغىقى ئەتراپلىرىغا تارقالغان بولۇپ، بەلگىلىك مال - مۈلۈك ۋە يەر (ياقا رايونلار) لەرگە ئىگە بولغان ئاساسەن قول سانائەت، سودا ياكى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئېلوتلار (سپارتا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قۇللار) غا قارىغاندا، كىشىلىك ئەركىنلىكى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، بىراق پۇقرالىق ھوقۇقى بولمىغان، سپارتانىڭ سىياسىي پائالىيەتىگە قاتنىشالمىغان. پرىنسىپ جەھەتتىن سپاتالىقلار بىلەن نىكاھلىنىشقا يول قويمىغان (بۇلار <يېرىم ھۈرلەر> دەپمۇ ئاتالغان). بۇلار تۇرغان جايلارغا سپارتا دۆلىتى <ئەمەلدار> ئەۋەتىپ باشقۇرغان ۋە باج يىغقان، ئۇرۇش مەزگىلىدە سپارتاغا ئەسكەر (ياردەمچى ئەسكەر) بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى - ⅤⅣ ئەسىرلەردە باي - كەمبەغەلگە بۆلۈنۈش كەسكىنلىشىپ، ئاز سانلىقلار كۆتۈرۈلۈپ سپارتا پۇقرالىرى گورۇھىغا قاتناشقان، كۆپچىلىكى ۋەيران بولۇپ، كەمبەغەللەر ياكى قۇللارغا ئايلانغان. خانىۋەريان بولغان پېرىئوسلار كۆپ قېتىم ئېلوتلارنى سپارتاغا قارشى كۈرىشىگە قاتناشقان. تېسالىيە (شىمالىي گرېتسىيە) ۋە كىرىت ئارىلى قاتارلىق جايلاردىمۇ پېرىئوسلارغا ئوخشاش سالاھىيەتلىك كىشىلەر بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.