UyghurMain Dictionary
پېرشىڭ
دۇنيا تارىخى
(1860 - 1948) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ياۋروپاغا بارغان ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى. 1886-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوگىتسېرلىرى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1886 - 1890 - يىللىرى ئىندىئانلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1897 - 1898 ـ يىلىدىن ئېىتبارەن فىلىپپىندە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قوشۇنىدا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى قايتا - قاتا باستۇرغان. 1916-يىلى ئامېرىكا - مېسىكا چېگرا جېڭىگە قوماندانلىق قىلغان، 1917-يىلى بەش يۇلتۇزلۇق گېنېرال پولكوۋنىڭ ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان، 1921 - 1924 - يىللىرى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. <دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سەرگۈزەشتلىرىم> قاتالىق ئەسەرلىرى بار.