UyghurMain Dictionary
پىرقە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىياسىي - ئىجتىمائىي مۇئەسسەسە.
تەشكىلات بۆلۈم. ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى. كوممۇنىستىك پارتىيە. گومىداڭ پىرقىسى. ئازادلىق جەمئىيىتى. ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى. ئاياللار بىرلەشمىسى. شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى. ياشلار ئۆمىكى. ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى. مۇزىكا ترۇپپىسى. پارتىيە پاچېيكىسى. ئۈگىنىش گۇرۇپپىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تارس كىشىلەر توپى، گۇرۇھ، گۇرۇپپا.
- ئورۇس دېگەن بىر پىرقە بار ئوخشايدۇ، شۇ خەلق ئىلىخونى بېسىۋاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم - دېدى بوۋاي.
پارتىيە.
مەن بارلىق پىرقە ئەزالىرىنى يىغىپ، جاھاننىڭ دۆڭ - چوڭقۇرلىرىنى تىڭ تىڭلاشتىن دوكلات ئالدىم.