UyghurMain Dictionary
پىروتېستانت ئىتىتپاقى
دۇنيا تارىخى
1608 - يىلى گېرمانىيىدە پىروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەردىن تەركىپ تاپقان سىاسىي، ھەربىي ئىتتىپاق. دىنىي ئىسلاھاتتىن كېيىن، گېرمانىيىدە پىروتېستانت 1608 - يىلى گېرمانىيىدە پىروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەردىن تەركىب تاپقان سىياسىي، ھەربىي ئىتتىپاق. دىنىي ئىسلاھاتتىن كېيىن، گېرمانىيىدە پىروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەر بىلەن كاتولىك دىنىدىكى بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەۋج ئالغان. پىروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەر ۋە ئىمپېرىيە شەھىرى ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن پفالىز (پالاتىن) نىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزى فرېدرىخ 4 (1574 - 1160) نىڭ باشچىلىقىدا ئىتتىپاق تۈزگەن. ئىتتىپاق جامائەت مەبلىغى ۋە قوشۇنغا ئىگە بولغان ھەمدە دانيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كاتولىك دىنىدىكى بەگلىكلەر ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، 1609 - يىلى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقىنى تۈزگەن. 1618 - يىلى چېختا خابىسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلاپ، 30 يىللىق ئۇرۇش باشلانغان. ئىككىنچى يىلى فرېدرىخ Ⅳ نىڭ ئوغلى فرېدرىخ Ⅴ چېخنىڭ پادىشاھلىقىغا سايلانغان. 1620 - يىل 11 - ئاينىڭ 8-كۈنى بىلاخورا جېڭىدە چېخ ئارمىيىسى كاتولىك ئىتتىپاقى ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. فردرىخ Ⅴ گوللاندىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى ئىتتىپاق پارچىلىنىپ كەتكەن.