Uyghur←ChineseMain Dictionary
پروتاگوراس
دۇنيا تارىخى
普罗塔哥拉
pǔ luó tǎ gē lā
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 481 - 441)، قەدىمكى يۇنانلىق پەيلاسوپ. ئاقىللار ئېقىمى ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شەخس. تراكىيىدىكى ئابدېرادا تۇغۇلغان. مەخسۇس ستىلىستىكا ۋە باشقا بىلىملەر (ھاكىمىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە) نى ئوقۇتۇپ، نۇرغۇن جايلارغا بارغان، ئەينى زاماندا بىرقەدەر زور تەسىرگە ئىگە بولغان. پلاتون ئۆزىنىڭ <پروتاگراس ھەققىدە> دېگەن ئەسىرىدە، پروتاگوراس ئۆزىنىڭ <ئاقىل> ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۆزىگە شاگىرت بولغانلارنىڭ ھەر كۈنى ئۆگىنىشتىن مەلۇم مەنپەئەت ئېلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى (پەقەتلا ئوقۇش راسخوتىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى) يازغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 444 يىل ئىلگىرى جەنۇبىي ئىلگىرى جەنۇبىي ئىتالىيە ئافىنا مۇستەملىكە شەھىرى تۇرى ئۈچۈن بىر قانۇنلار توپلىمى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە، ئافىنانى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئافىنانىڭ دېموكراتىك سىياسىئونى پېرىكلېس بىلەن دوستلاشقان. ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلغاندا، ئېيتىلىشىچە، ئۇ <ئىلاھ توغرىسىدا> دېگەن ئەسىرىدە <ئىلاھلارغا كەلسەك، مەن ئۇلارنى مەۋجۇت دەپم ئېيتالمايمەن، مەۋجۇت ئەمەس دەپمۇ ئېيتالمايمەن> دەپ ئوچۇق - ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، <>ئاتېئىزم جىنايىتىنى ئۆتكۈزدى< دەپ ئەيىبلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن ئافىنادىن قېچىپ كېتىۋاتقىنىدا، يولدا سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ >ھەقىقەت توغرىسىدا< دېگەن باشقا بىر ئەسىرىدە >ئادەم كائىناتنىڭ ئۆلچىمى، مەۋجۇت بولغۇچىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئۆلچىمى، مەۋجۇت ئەمەسلەرنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقى ئۆلچىمىدۇر< دېگەن بىر جۈملە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىديىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. بۇ بىر جۈملە سۆز ئادەتتە ھەربىر ئادەمنىڭ كائىناتتىكى ھەممە شەيئىلەرنى ئۆلچەيدىغان ئۆز ئۆلچىمى بولىدۇ، شۇڭا ھەممە ئادەم ئاساسلىنىدىغان ئوبيېكتىپ ھەقىقەت بولمايدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپ ئۆلچىمىدىن گۇمانلىنىدىغان بۇ تەشەببۇس سوقرات (ئەپلاتون دىئالوگلىرىنىڭ جارچىسى) نىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. پروتاگوراس بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە ماددىي دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئېتىرپا قىلغان ھەمدە سەزگۈ - بىلىمىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىغان، ئۇنى قەدىمكى يۇناننىڭ تۇنجى سەزگۈ نەزەرىيىچىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما ئدەمنىڭ سەزگۈسىنىڭ نىسپىيلىكىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىپ، نىسپىيچلىككە پېتىپ قالغان. سىياسىي ۋە ئېتىكا جەھەتلەردە، ئەخلاق بىلەن قانۇن كىشىلەر ئارا كېلىشىمدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قاراپ، تەرتىپ بىلەن نوپۇزنىڭ مەڭگۈلۈكىدىن گۇمانلانغان. ئەسەرلىرىدىن پەقەت پارچىلارلا ساقلىنىپ قالغان.