UyghurMain Dictionary
پرومېتې
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانلىرىدىكى ئىنسانلارغا ئوت ئەكىلىپ بەرگەن تەڭرى. ئېيتىلىشىچە تەڭرىلەر خۇداسى زېۋىس ئۇنىڭ ياردىمىدە ئاتىسىنى ئاغدۇرۇپ، ئولېمېپ تېغىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. زېۋىس ھەر خىل ھوقۇقلارنى تەڭرىلەرگە تەقسىم قىلىپ، پەقەت ئىنسانلارغىلا ھېچ نەرسە بەرمىگەن، بەلكى ئىنسانلارنى يوقىتىپ، <يېڭىچە ئادەم> لەرنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغان. پرومېتې ئىنسانلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارغا ئاسماندىن ئوت ئوغرىلاپ ئەكىلىپ بەرگەن ھەمدە ئىنسانلار ئۈچۈن ماتېماتىكا، يېزق قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلغان، ئادەملەرگە ئۆي - ئىمارەت سېلىش، چارۋا بېقىش، دېڭىز سەپىرى قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ، ئىنسانىيەتكە ئەقىل ئاتا قىلغان. شۇ سەۋەبتىن زېۋىسنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ، يولسىزلىق بىلەن كاپكاز تېغىدىكى قىياغا زەنجىرلەپ قويۇلغان. كۈندۈزى بۈركۈت ئۇنىڭ بېغىرىنى چوقۇلاپ يېگەن، كېچىسى زەخىملەنگەن بېغىر قايتىدىن ئۆسۈپ چىقىپ، ئۇنى چەكسىز ئازاب ئۇقىبەتكە گىرىپتار قىلغان. ئەمما ئۇ ھەرگىز تىز پۈكمىگەن. ئەڭ ئاخىرىدا بۈركۈت پالۋان گېراكل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنلا، ئازابلىنىشتىن قۇتۇلغان. قەدىمكى يۇناننىڭ تۇنجى تراگېدىيىچىسى ئاسخىلۇس <كىشەنلەنگەن پرومېتې> نى يازغان. ياۋروپانىڭ كېيىنكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە، پرومېتې زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئۆزىنى قۇربان قىلىپ كۆپچىلىككە بەخت - سائادەت يارىتىدىغان بەدىئىي تىپ بولۇپ قالغان. ئەنگلىيىلىك شائىر شېللېي <ئازاد قىلىنغان پرومېتې> دېگەن شېئىرىي تىياتىرنى يازغان.