UyghurMain Dictionary
پروكوپئۇس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 500 - 556)، ۋېزانتىيە ئىمپېرىيىسى يۇستىنئان دەۋرىدىكى تارىخشۇناس. كائېسارىيىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ياخىش كلاسسىك تەربىيىگە ئىگە بولغان. مىلادىن 527-يىلى تەكلىپكە بىنائەن گېنېرال بېلسارىئۇسگە كاتىپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شىمالىي ئافرىقىدىكى ۋاندار پادىشاھلىقى بىلەن ئىتالىيىنىڭ شەرقىي گوت پادىشاھلىقىغا يۈرۈش قىلغان. كېيىن يەنە ئىران ساسسانىيلار سۇلالىسىگە قارشى سوقۇشقىمۇ قاتناشقان. يۇستىنئاننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئۇزاق مۇددەت ئوردىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان. ئاساسلىق ئەسىرى ئىككى، ئۇنىڭ بىرى <زامانىمىزنىڭ تارىخى> بولۇپ، يۇستىنئاننىڭ سىرتقا قارىتا ئەسكەر ئىشلىتىش جەريانى خاتىرىلەنگەن؛ يەنە بىر <مەخپىي تارىخ> بولۇپ، يۇستىنئان دەۋرىدىكى سىياسىي ئىشلار خاتىرىلەنگەن. بۇ ئەسەرنىڭ نۇقتىئىنەزەر قىسمەن سنات ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يۇستىنئان يۈرگۈزگەن پادىشاھلىق مۇستەبىتلىككە بولغان نارازىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلەپ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن.