UyghurMain Dictionary
پروبېركا ئۆسۈملۈكى
بىئولوگىيە
بىر دانە ھايات ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدە ئۆستۈرۈلىدىغان ئورگانىزمنىڭ ھەممە ئىنفورماتسىيىسى بولىدۇ، مانا بۇ دائىم ئېيتىلىدىغان ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ تولۇق ئىقتىدارلىق خۇسۇسىيىتى. توقۇلما ياكى ھۈجەيرىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ پربېركىدا ئۆستۈرۈلگەن ئۆسۈملۈك پروبېركا ئۆسۈملۈكى دەپ ئاتىلىدۇ. ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ ئۆسۈملۈك ئۆستۈرگەندە ئېسىل ئۆسۈملۈك سورتلىرىنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىنسانىيەتنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، مەلۇم خىل ئۆسۈملۈكنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. پروبېركا ئادەمگىياھى پروبېركىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئادەمگىياھنىڭ يىلتىزىدىن بىر پارچە توقۇلمىنى كېسىپ ئېلىپ پروبېركىغا سېلىپ، مۇۋاپىق ئۆستۈرگۈچ ۋە ئۆستۈرۈش شارائىتىدا ئۆستۈرگەندە، دەسلەپ جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆسۈملۈكنىڭ تۆرەلمىسىگە پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان <تۆرەلمە تېنى> ئۆسۈپ چىقىپ، بىر ئۆسۈملۈككە ئايلىنىدۇ. پۈتۈن جەريانغا پەقەت 1 - 2 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. تەبىئىي ئۆسكەن ئادەمگىياھتىن ئەڭ تېز بولغاندا ئالتە يىلدا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، پروبېركىدا ئادەمگىياھ ئۆستۈرگەندە ئادەمگىياھنىڭ ياشاش دەۋرىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقىلى بولىدۇ. بەزى دۆلەتلەر ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ پروبېركىدا نەچچە يۈز يىل خىل ئۆسۈملۈكنى ئۆستۈردى. مۆلچەرلىنىشىچە ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى كەلگۈسىدە بىر خىل دائىملىق يېزا ئىگىلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا ئايلانغۇسى. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرگەندە دائىم ئۇچرايدىغان كۆپ خىل يېزا ئىگىلىك زىرائەتلەرنىڭ سورتىنى ياخشىلاپ، ئىنسانىيەت ئېھتىياجلىق بولغان بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.