Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېرىم ئارىلى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر彼尔姆岛
bǐ ěr mǔ dǎo
قىزىل دېڭىز ئاغزىدىكى مەندەب بوغۇزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بەش كىلومېتر، كەڭلىكى تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتر كېلىدۇ، مەيدانى 13 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. پېرىم قاقاس يانار تاغ ئارىلىدىن ئىبارەت. بۇ ئارال قاقاس، كىچىك ئارال بولسىمۇ، لېكىن ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. قىزىل دېڭىزدىن ھىندى ئوكيانغا ئۆتۈىدىغان سۇ يولىنى كونترول قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئارالنى 1738 - يىلى فرانسىيە ئىگىلىگەن. 1799 - يىلى ئەنگلىيە ۋاقىتلىق ئىگىلىگەن، 1857 - يىلى فرانسىيە قايتا ئىگىلىگەن. فرانسىيە ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پورتتا كۆمۈر قاچىلاش پونكىتى قۇرغان، كېيىن شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدا ئايرودروم قۇرغان. 1936 - يىلى كۆمۈر قاچىلاش پونكىتى ئىشلىتىلىشتىن توختىغان. 1937 - يىلى بۇ ئارال ئادېن تەۋەلىكىگە قوشۇلغان. 1967 - يىلى يەمەن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، يەمەنگە تەۋە بولغان. ھازىر ئارالدا بىر نەچچە يۈز كىشى بېلىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.