Uyghur←ChineseMain Dictionary
پرېميسل سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
普舍美斯王朝
pǔ shě měi sī wáng cháo
مىلادى Ⅸ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە چېخىيىدە ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال سۇلالە. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، تەخمىنەن مىلادىن 800-يىلى، كورۇلىۋا لىبۇسې دېھقان پرېميسلغا ياتلىق بولغان، بۇ سۇلالە شۇنىڭدىن باشلانغان. چېخىيە 895-يىلى بۈيۈك موراۋىيە كىنەزلىكىدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، چېخىيە كىنەزلىكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سەردار كىنەز دەپ ئاتالغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. ⅩⅡ ئەسىردە چېخىيە كورۇلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى يەتتە چوڭ كىنەزنىڭ بىرى بولغان. ئۇنڭ ئاساسلىق كورۇلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە تۇرغان ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:ئوتتوكار Ⅰ ( - 1230 - 1198 )، ۋاسلاۋ Ⅰ (1230 - 1253)، ئوتتوكار Ⅱ (1253 - 1278)؛ ۋاسلاۋ Ⅱ (1278 - 1305). ۋاسلاۋ Ⅲ 1306-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، سۇلالە ئاخىرلاشقان. 1310-يىلى يوھان (ليۇكسىمبۇرگلۇق) چېخىينىڭ كورۇللۇق تەختىگە چىققان، شۇنىڭ بىلەن ليۇكسىمبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان.