Uyghur←ChineseMain Dictionary
پرىماتلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
灵长目
língzhǎngmù
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەترەت. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان تۈرلىرىنىڭ ئالدى پۇتلىرى بەش بارماقلىق بولىدۇ ھەمدە باشمالتىقى كۆپىنچە بشقا بارماقلىرىغا قارىمۇ قارشى (ئۇدۇل) تۇرالايدۇ، ئالىقىنى ھەم تاپىنى يالىڭاچ ھەمدە ئالىقان (تاپان) لىرىنىڭ تېرىسى قېلىنراق بولىدۇ. بۇ يامىشىش ۋە نەرسىلەرنى قاماللاشقا پايدىلىق. بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاز ساندىكى تۈرلىرىنىڭ ئۇچلۇق تىرنىقى بولغاندىن سىرت، كۆپ - ساندىكىلىرىنىڭ يۇمىلاق تىرنىقى بولىدۇ. ئوقۇرەك سۆڭىكىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ئالدى پۇتىنىڭ ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك. چوڭ مېڭە يېرىم شارى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، كۆز چانىقى سۆڭەكتىن ھالقىسىمان شەكىلگە كىرگەن. ئىككى كۆزى ئالدىغا قارايدۇ، كۆرۈش سېزىمى تەرەققىي قىلغان. كۈرەك چىشى ۋە ئالدى ئېزىق چىشىنىڭ سانى تۈرىگە قاراپ ئىككىگىچە ئازىيىدۇ، پرىماتلار ئادەتتە ھەر نۆۋەتتە بىردىن تۇغىدۇ. بالا مايمۇننىڭ ئۆسۈشى ئاستىراق، چىشىسى ھەيز كۆرىدۇ، ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ. مېۋە ۋە ھەرخىل دانلارنى، ھاشارات ۋە گۆشلەرنىمۇ يەيدۇ، ئادەتتە توپلىشىپ ياشايدۇ. تولىراق دەرەخلەردە ھايات كەچۈرىدۇ (ئىنسانلاردىن باشقىلىرى). ئىككى كەنجى ئەترەتكە بۆلۈنىدۇ؛ ئىپتىدائىي مايمۇنلار كەنجى ئەترىتى، تۈلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تۈلكىباش مايمۇن، ئەزمە مايمۇن (لورا ياكى ھەرە مايمۇن)، كۆزەينەكلىك مايمۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆپىنچىسىدە قۇيرۇقى ساقلانغان، چوڭ مېڭە يېرىم شارى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، مېڭە پۈرمىلىرى يوق، پۇتى قولىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇلار ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئافرىقىغا تارقالغان، بولۇپمۇ ماداغاسقار ئارىلىدا كۆپ؛ ئادەمسىمان مايمۇنلار كەنجى ئەترىتى، ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلغان چوڭ مېڭىسى ۋە مېڭە پۈرمىلىرى بولىدۇ، قولى پۇتىدىن ئۇزۇن، قوۋۇز قىسمىدا كۆپچىلىكىنىڭ قوۋۇز خالتىسى بولىدۇ، بىر جۈپ ئەمچەك توپچىسى كۆكرىكىگە جايلاشقان. ھەر خىل ئادەمسىمان مايمۇنلار، ئورانگوتان ۋە ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار جەنۇبىي ئامېرىكا، ئافرىقا ھەم ئاسىياغا تارقالغان. ئىنسانلار بولسا، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان.
ئۇنىۋېرسال
灵长目
líng zhǎng mù