UyghurMain Dictionary
پىراندېللۇ
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1936) ئىتالىيىلىك دراماتورگ، يازغۇچى. سىتسىلىيە ئارىلىدىن، سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. رىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. 1891-يىلى بونن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناسلىق دوكتورى بولغان. ئەسەرلىرى يۇمۇرلۇق بولۇپ، ئۇلاردا پسىخىك تەھلىلگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. رېئاللىق بىلەن غايىنى ماسلاشتۇرغىلى بولمايدۇ، ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى بولمايدۇ، دەپ ھېسابلىغان. روھى چۈشكۈن ئەمما ھاكاۋۇر بولۇپ، 1903 - يىلى ئايالى ساراڭ بولۇپ قالغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. ئۆزى تىياتىر ئۆمىكى تەشكىل قىلىپ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئويۇن قويغان. ئۇ ھازىرقى زامان تىياتىرىدا، بولۇپمۇ غەلىتە تىياتىردا مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدۇ. 1934-يىلى نوبېل ئەدەبيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان، 40 سەھنە ئەسىرى، يەتتە ھېكايىسى بار. يەنە 200 پارچىدىن ئارتۇق قىسقا ماقالە ۋە شېئىرلار توپلىمى بار. <سېنىڭچە دۇرۇس بولغان بولسا، دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ>، <ھېنرى Ⅳ> دېگەن سەھنە ئەسىرى، <تاشلاندۇق ئادەم>، <بىر، يوق ۋە 100 مىڭ> قاتارلىق ھېكايىلىرى بار