Uyghur←ChineseMain Dictionary
پراكستېلېس
دۇنيا تارىخى
普拉克西特列斯
pǔ lā kè xī tè liè sī
(مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە) قەدىمكى يۇنان ھەيكەلتىراشى. ئافىنالىق. ھەيكەلتىراش سېفسوروتۇسنىڭ ئوغلى. تەخمىنەن مىلادىدىن 390 يىل ئىلگىرى تۇغۇلغان، سكوپاس بىلەن زامانداش، ئەمما ئۇنىڭدىن ياش، ئۇلار يۇناننىڭ كېيىنكى مەزگىلى (پلوپونېس ئۇرۇشىدىن كېيىن) دىكى ھەيەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ گۈزەللىك مەبۇدىسى ئافرودىتنىڭ ھەيكىلىنى ياساش ئارقىلىق نام - ئابروي قازانغان. بۇرۇن ئۆتكەن چوڭ ھەيكەلتىراشلار (مەسىلەن: ئافىنانىڭ ھەيكىلىگە ئوخشاش) نى تەكىتلىمەي بەلكى ئادەم گەۋدىسىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كىندۇس (كىچىك ئاسىيادىكى كالىيانىڭ جەنۇبىدا) ئۈچۈن ئىشلىگەن <گۈزەللىك مەبۇدىسى> ماختاشقا ئەڭ كۆپ سازاۋەر بولغان. يەنە ئەپوللون، ساتۇر قاتارلىق خۇدالارنىڭ ھەيكەللىرىدىمۇ ئەسەرلىرىدىن پەقەت بىرسى، يەنى 1977-يىلى گېرمانىيە ئارخېئولوگلىرى تاپقان <تەڭرى ھېرمېس ھەيكىلى> ساقلىنىۋاتىدۇ. سودا - ساياھەت تەڭرىسى ھېرمېس سول قولىدا بوۋاق دىئونىسوس (ھاراق ئىلاھى) نى كۆتۈرگەن، ئوڭ قولىنىڭ يېرىمى يوق (مۆلچەرلىنىشىچە، ئوڭ قولىدا بىر ساپ ئۈزۈمنى كۆتۈرگەن بولۇش مۇمكىن). بۇ قەدىمكى زامانداساقىنىپ قالغان ئاز ئۇچرايدىغان ئەسلى ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، گرېتسىيىدىكى ئولىمپىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا.