Uyghur←ChineseMain Dictionary
پراگا كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
布拉格协定
bù lā gé xié dìng
1433- 11-ئايدا، بازىل دىنىي يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خۇس ھەرىكىتىدىكى مۆتىدىللەر، يەنى مۇقەددەس جامچىلار (كالىكىتنىچىلار) ۋەكىللىرىنىڭ پراگادا ئىمزالىغان كېلىشىمى. كېلىشىم: چېكاۋنىڭ جىنايى ئىشلار دىلولىرىغا ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش؛ مىسسا ۋاقتىدا دىندارلار مۇراسىم باشقۇرغۇچى پوپلارغا ئوخشاش مۇقەددەس تەن (پوشكال) ۋە مۇقەددەس قان (ھاراق) غا ئىگە بولۇش؛ دىن تارقىتىش ئەركىنلىكىنى بېكىتىش؛ مىسئونېرلارنىڭ چېركاۋ يەر - مۈلكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولۇش دېگەن تۆت ماددىدىن تۈزۈلگەن. كېلىشىم چېخ ئاقسۆڭەكلىرى ۋە شەھەر بايلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولغانلىتقىن، دېھقانلار ۋە ئاددىي شەھەر پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تابورچىلار ئۇنىڭدىن نارازى بولغان. نەتىجىدە ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 1434-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى لىپان (پراگانىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) ئۇرۇشىدا مۇقەددەس جامچىلار تابورچىلارنى مەغلۇپ قىلغان.