Uyghur←ChineseMain Dictionary
پوتتىئېر
دۇنيا تارىخى
鲍狄埃
bào dí āi
(1816 - 1887)، فرانسىيىلىك ئىنقىلابىي شائىر، <ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئەزاسى، 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ھەيئىتى بولغان. ئوراپ - قاچىلاش ئىشچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، قەغەز دۇكىنىنىڭ خادىمى، گۈللۈك رەخت گۈل نۇسخىسىنى سىزغۇچ ئىشچى بولغان. ئون تۆت يېشىدىلا تۇنجى شئىرى >ياشىسۇن ئەركىنلىك!< نى ئىجاد قىلغان. 1848-يىلى ئىيۇن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1870-يىلى 3-ئايدا گۈللۈك رەخت گۈل نۇسخىسىنى سىزغۇچ ئىشچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللىگەن ھەمدە ئۇنىڭغا رەئىس بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا كىرگەن. 4 - سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، 20-رايون مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىللىي قوغدىىش ئارمىيىسى مەركىزي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى بولغان. 1871-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى كوممۇنىنىڭ ھەيئەتلىكىگە تولۇقلاپ سايلانغان، كېيىن ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. >مايا قانلىق ھەپتىسى< دىكى بارىكدا ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 6-ئايدا تاغۇ ـ دەريالارنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان >ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى< نىڭ تېكىستىنى يازغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە، ئامېرىكىلاردا قاچقۇن بولۇپ تۇرغان ۋە سىرتىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1880-يىلى چوڭ كەچۈرۈمدىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ، فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرىپ، ئىنقىلابىي ناخشىلار ئىجادىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ >ئىنقىلابىي شېئىرلار توپلىمى< بار.