Chinese→UyghurMain Dictionary
破石洞条的
دۇنيا تارىخى
تاش ئۆڭكۈر شەرتنامىسى
<بياڭ - ناباتو شەرتنامىسى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. فىلىپپىن بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاگۇينالدو باشچىلىقىدىكى پومېشچىك - بۇرژۇئازىيە مۇتەئەسسىپلىرى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىگە تەسلىم بولغان شەرتنامە. 1897-يىلى 12-ئايدا تاش ئۆڭكۈردە (براگان ئۆلكىسىدىكى بياڭ - نا - باتودا) ئىمزالانغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىسپانىيە ئاگۇينالدو گۇرۇھىغا 800 مىڭ پېسو بەرگەن، مەمۇرىي ۋە قانۇن چىقىرىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشقا ماقۇل بولغان؛ ئاگاينالدو قوراللىق كۈرەشنى توختىتشقا ھەمدە چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە ماقۇل بولغان. 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاگۇينالدو ھۆكۈمىتى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. خەلقنى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختىتىشقا چاقىرغان. لېكىن كەڭ خەلق كۈرەشنى يەنىلا قەتئىي داۋاملاشتۇرغان.