Uyghur←ChineseMain Dictionary
پورىتان
دۇنيا تارىخى
清教徒
qīng jiào tú
ئىنگلىزچە <Puritans> ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەنگىلىيىدىكى كالۋىن دىنىنىڭ مۇرىتلىرى. ئەنگلىيىدىكى دىن ئىسلاھاتىدا قۇرۇلغان ئەنگىلىيە دۆلەت دىنىي جەمئىيىتى بولۇپ، رىم پاپاسىغا بېقىنىمىغان، بەلكى ئەنگىلىيە كورۇلىنى دىنىي جەمئىيەتنىڭ باشلىقى قىلغان. ئەمما كاتولىك دىنىنىڭ ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمى، ئاساسىي دىنىي ئەقىدىلىرى ۋە مۇراسىملىرىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا، دۆلەت دىني جەمئىيىتى فېئودال مۇستەبىتلىك پادىشاھ ھاكىيىتىنىڭ مۇھىم قورالىغا ئايلانغان. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، رادىكال كالۋىن دىنىنىڭ ئەنگىلىيىدە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر دۆلەت دىنىي جەمئىيىتىدىن كۈنسايىن نارازىبولغان. ⅥⅩئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، پورىتانلار دۆلەت دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بىر مەزھەپ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ھەمدە دۆلەت دىنىي جەمئىيىتىنى كالۋىن دىنى بويىچە <پاكلاشتۇرۇش>، كاتولىك دىنىنىڭ دۆلەت دىني جەمئىيىتىدىكى تەسىرىنى تازىلاش، مەسىلەن: ئېپىسكوپ تۈزۈمىنى ۋە بۇتقا چوقۇنۇشنى بىكار قىلىش، دىنىي بايراملارنى ئازايتىش ۋەھاكازالارنى تەشەببۇس قىلغان. پورىتان (دىننى تازىلىغۇچىلار) دېگەن نام مانا مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. ⅥⅩئەسىرنىڭ 70 - 80 - يىللىرىدا پورىتانلارنىڭ سانى كۆپلەپ ئاشقان ھەمدە دۆلەت دىنىي جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل دىنىي تەشكىلات قۇرغان. ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئاقساقال باشقۇرغان. تۇدور سۇلالىسى پورىتانلارغا ھەدەپ زىيانكەشلىك قىلىپ، نۇرغۇنلىغان مۇرىتلارنىڭ شىمالىي ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيەگە كۆچۈپ كېتىشكە سەۋەبچى بولغان. ⅥⅩئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، پورىتانلار ئىككى مەزھەپكە ئايرىلغان:ئۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مۆتىدىل بولغىنى ئاقساقاللار مەزھىپى دەپ ئاتىلىپ، چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان؛ بىرقەدەر رادىكال بولغىنى مۇستەقىل مەزھەپ دەپ ئاتىلىپ، ئوتتۇرا - ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە ئوتتۇرا - ئۇششاق يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. پورىتانلار قانات يايدۇرغان ھەرىكەت، دىننى تازىلاش ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان.
ئىستېتىكا
پورىتان(يەنە بىر نامى <شوتلاندىيىلىك پورىتان>) ئۈچ پەردىلىك ئوپېرا
清教徒(又名<苏格兰的 清教徒>,三幕歌剧)
qīng jiào tú (yòu míng <sū gé lán de qīng jiào tú >,sān mù gē jù )