UyghurMain Dictionary
پورفىرا يۈسۈنى
سۇ مەھسۇلاتلىرى
پورفىرا يۈسۈنى سۆسۈن ياكى قوڭۇر رەڭدىكى نېپىز پەردىسىمان دېڭىز يۈسۈنى، شۇنداقلا دېڭىزدىن چىقىدىغان مول ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە ئۆسۈملۈك.
ياۋا پورفىرا يۈسۈنى دېڭىزنىڭ تېيىز جايلىرىدىكى دولقۇن ئۇرۇلىدىغان بەلۋاغدىكى قورام تاشلاردا ئۆسىدۇ، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى نۇرغۇن جايلاردىن چىقىدۇ. پورفىرا يۈسۈنىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن كۈپسىمان يۈسۈن، ئالىۋالداق يۈسۈن ۋە يۇمىلاق يۈسۈن بار. سۈنئىي ئۆستۈرۈشتە كۈپسىمان يۈسۈن بىلەن ئالىۋالدىماق يۈسۈن ئاساس قىلىنىدۇ، ئۇلار يوپۇرمىقى ئۇزۇن، ئۆسۈشى تېز، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. پورفىرا يۈسۈنىنىڭ گەۋدىسى (يوپۇرماقسىمان تېنى) قىيا تاشتا ئۆسكەن ياكى بېقىش پەردىسىدىكى پورفىرا يوسۇنى بولۇپ، پۈتۈن گەۋدىسى نېپىز يوپۇرماققا ئوخشايدۇ، ئۇ بىر قەۋەت ياكى قىسمەن دائىرىدىكى ئىككى قەۋەت ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، ھەقىقىي يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى بولمايدۇ، بىراق ئۇنى يەنىلا تۇتۇپ تۇرغۇچى، سېپى، يوپۇرماقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ئايرىشقا بولىدۇ (يالغان يىلتىز، يالغان غول، يالغان يوپۇرماق دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئۇلار تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ يالغان يىلتىز يىپچىلىرىغا تايىنىپ، چاپلىشىش ئاساسىغا مۇقىملىشىپ تۇرىدۇ.
پورفىرا يۈسۈنىنى سۈنئىي ئۆستۈرۈشتە4 -ئايدىن باشلاپ مايسا يېتىشتۈرۈلىدۇ،9 -ئايدا بېقىش پەردىسىگە كۆچۈرۈلۈپ، دېڭىزدا بېقىلىدۇ.10 - ئاينىڭ ئاخىرى،11 - ئاينىڭ باشلىرى بىرىنچى قېتىم يىغىۋېلىنىدۇ، كېيىن ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەر15 كۈندە بىر قېتىم يىغىۋېلىنىدۇ، پۈتكۈل ئۆسۈش مەزگىلى ئىككىنچى يىلى3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە ئاخىرلىشىدۇ.
بىئولوگىيە
قىزىل يۈسۈنلەر تىپى، پورفىرا يۈسۈنى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يۈسۈن تېنى بىرقەۋەت ياكى ئىككى قەۋەت ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن قېلىن پەردىسىمان تەن بولۇپ، تۆۋەن تەرىپىدىكى تەخسىسىمان مۇقىملاشقۇچى ئاپپاراتى ئارقىلىق ئاساسىي ماددىغا يېپىشىپ تۇرىدۇ. سىرتىدا يېلىملىق قەۋىتى بولىدۇ. ھەر بىر ھۈجەيرىسىدە جىگەرررەڭ چاچما قىلتىرىقسىمان پىگمېنت تەنچىسى، پىگمېنت تەنچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر دانە ئاقسىللىق يادرو بولىدۇ. جىنىسسىز كۆپەيگەندە پەردىسىمان تەنچىسى تاق سپورا، يىپسىمان تەنچىسى قاسىراقلىق سپورا ھاسىل قىلىدۇ. جىنىسلىق كۆپەيگەندە ھەرىكەتلەنمەيدىغان سپېرما بىلەن مېۋە خالتىسى قوشۇلۇپ زىگوتا ھاسىل قىلىدۇ. پورفىرا يۈسۈنى جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان دېڭىز قىرغاقلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى دائىم ئۇچرايدىغان ۋە ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرىراق بولغانلاردىن تاتلىق پورفېرا يۈسۈنى (tenera.P)(suborbiculata.P)(dentata.P)(haitanensis.P)(marginata.P) قاتارلىقلار بار. پورفىرا يۈسۈنىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، يوت، فوسفور، كالتسىي قاتارلىق ماددىلار مول بولىدۇ، ئۇ يېيېشلىك يۈسۈنلەرنىڭ بىرى. دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئالدى بىلەن پورفىرا يۈسۈنىنىڭ ھايات تارىخىنى يېشىپ، ئاندىن ئۇنى كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈپ كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.