UyghurMain Dictionary
پور
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . دەرەخنىڭ چىرىگەن قىسمى.
پور ياغاچ. * پور كۆتەك.
2 . سۈپەت. پورلاشقان، چىرىگەن. پور لوبۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
خام سېمىز.
ئۇ بىر پور ئادەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپ ئەتلىك، قاتتىق سەمىرىپ كەتكەن.
«بورداق»، «پور» ئادەمگىلا قارىتا ئېيتىلىدۇ.
سېمىز كالا ئورۇق كالىنىڭ كۆتىنى يالاپتۇ. بورداق ئورۇقلىغۇچە، ئورۇق جان ئۈزەر. پور ئادەم پۇسۇلداپ ماڭالمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەدىنىدە گۆش - ياغ كۆپ.
ئورۇق، ئاۋاق، ياداڭ، جۈدەڭ، ياداڭغۇ، بىر تېرە - بىر ئۇستىخان
بەدىنىدە گۆش - ياغ ئاز، ئەت - ياغسىز.
ئات ئورۇق بولسىمۇ بولسۇن، يېغىر بولمىسۇن، گۆش سۆڭەك بولسىمۇ بولسۇن، بېغىر بولمىسۇن. ئاۋاق ئالما يېسىمۇ بېرى شۇ. ياداڭ ياردىن غۇلىسىمۇ ھېچگەپ يوق. جۈدەڭ خوتۇن جورىسىنى تويدۇرار. ياداڭغۇدىن يار بويى قاچ. ئانام بىر تېرە - بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى. سېمىزنىڭ پۇتى سەككىز. سېمىز ئۇرۇقلىغۇچە ئورۇق جان ئۈزەر. پور يىگىت - دەرەخنىڭ پورى، مەيلى، ئۆزىنىڭ شورى.
بىئولوگىيە
كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى ۋە ئاز ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزىنىڭ ئىچىدىكى شالاڭ جايلاشقان نېپىز پوستلۇق توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن مەركىزىي قىسىم بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ تەركىبىدە قېلىن پوستلۇق توقۇلما ياكى ئاجرىتىپ چىقارغۇچى توقۇلمىلارمۇ بولىدۇ. پور ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەركىبىدە كراخمال، پىگمېنت، تاننىن قاتارلىق ماددىلار بولىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پورى بالدۇر يېتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشقا قىسىملىرىدىكى ھۈجەيرىلەر داۋاملىق ئۇزىراپ بوغۇم ئارىلىقىدىكى پورنى تارتىپ بوشلۇق ھاسىل قىلىدۇ، بۇنداق ھاسىل بولغان بوشلۇق پور بوشلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ. كۈنلۈكسىمان گۈللەر ئائىلىسى، كاۋا ئائىلىسى، كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى، باشاقلىقلار ئائىلىسى قاتارلىقلاردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى كاۋاك بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. دەرەخ غولىنىڭ چىرىپ چىداملىقىنى يوقاتقان قىسمى.
سۆگەت پورى.
سۈپ. پورلاشقان، پورى بار.
پور تېرەك. پور سۆگەت.
سۈپ.
سۆگەتنىڭ پرىغا ئوخشايدىغان، قوڭۇر.
پور رەڭ.
سۈپ. ئىچى كاۋاك، تېشىغا بۆرتۈپ چىققان، قاپارتىلغان، قالپاقلىق.
پور مىخ. پور سۈمبە.