Uyghur←ChineseMain Dictionary
پولابىسكې سىلاۋيانلىرى
Domain: دۇنيا تارىخى波拉勃斯拉夫人
bō lā bó sī lā fū rén
(رۇسچىدا ПОЛАбСКИе Славяне، پولەكچە Porabianniey ، ئىنگلىزچە Polabian Slavs دەپ يېزىلىدۇ) غەربىي سلاۋىيانلارنىڭ قەبىلە توپى بولۇپ، ئېلبا دەرياسى ھەمدە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنى زالې دەرياسىنىڭ شەرقى، ئودېر دەرياسىنىڭ غەربى، بالتىق دېڭىزىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق كەڭ جايلارغا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئوبودرىتىبلار، ليوگىچىلار، شۇنىڭدەك لوژسسىرۇيىلىقلار ۋە باشقىلار بار. ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، قول سانائەتتىمۇ مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەن. Ⅹ ئەسىردىن باشلاپ گېرمانىيە ۋە دانىيە فېئوداللىزىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئىچكى قىسمىدىكى ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ۋېندېن بەگلىكى (ۋېندېن قەبىلە ئىتتىپاقى) بولۇپ شەكىللەنگەن. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى گېرمانىيە فېئوداللىرى پولابىسكې سلاۋىيانلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، مېكېنىيورگ كىنەزلىكى ۋە براندېنبۇرگ بەگلىكىنى قۇرغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.