Uyghur←ChineseMain Dictionary
پودوكارپۇس دەرىخى
بىئولوگىيە
罗汉松
luóhànsōng
پودوكارپۇس دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ، قوۋزىقى ئۇزۇنىسىغا نېپىز پلاستىنكىسىمان يېرىلىپ تۆكۈلىدۇ. شاخ ۋە يوپۇرمىقى زىچ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى بۇرمىسىمان تىزىلىدۇ، يىپسىمان تۆمۈنە شەكىللىك، ئازراق ئەگرى، ئالدىنقى ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى قىسىمى بانانسىمان بولۇپ، قسىقا سېپى بولىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىق ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلى باشاقسىمان بولۇپ قولتۇقتا ئۆسىدۇ، قىسقا شاختا 3 - 5 دانىسى توپلىشىپ ئۆسىدۇ؛ ئانىلىق شارچە گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، قىسقا سېپى بولىدۇ، ئۇچىدا بىر ياكى بىر قانچە دانە ئورىغۇچى يوپۇرماق (چوڭ سپورىلىق بوپۇرماق) تىن تۈزۈلگەن خالتىسىمان تۈزۈلۈش بولىدۇ، رومكىسىمان تۈگۈن يېپىنچىسىدا بىر دانە تەتۈر ئۆسكەن تۆرەلمە تۈگۈنى بولىدۇ. ئۇرۇقى يۇمىلاق، ئۈچكىلىك مېۋىسىمان بولۇپ، تۈگۈن يېپىنچىسىنىڭ قېلىنلىشىپ گۆشلىششىدىن ھاسىل بولغان يالغان ئۇرۇق پوستى بولىدۇ، رەڭگى بېغىررەڭ بولۇپ، ئاق توزىنى بولىدۇ، ئورىغۇچى يوپۇرماقنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان قېلىن، گۆشلەشكەن ئۇرۇق تېگىدە ئۆسىدۇ، قىزىل ياكى بېغىررەك بولىدۇ. چاڭجياڭ ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردە كۆپ لىنىيىلىك ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ ھويلا - ئاراملاردا ئۆستۈرۈلىدىغان مەنزىرە ئۆسۈملۈكىدۇر. ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ زىچلىقى تەكشى بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەش ئاسان. ئۇنىڭدىن ئۆي سايمانلىرى، يېزىش - سىزىش ئەسۋابلىرى ياسىلىدۇ. قوۋزىقى ھاشارات ئۆلتۈرىدۇ، تەمرەتكىگە شىپا بولىدۇ، ئۇرۇقىنى دورىغا قوشۇپ يېسە ئاشقازان كۆپۈپ ئاغرىش كېسەللىكىگە داۋا بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,ئۆسۈملۈك
黄色木
huáng sè mùDباغۋەنچىلىك
罗汉松
luó hàn sōng