UyghurMain Dictionary
پوچتىكەش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پوچتىچى، پوچتاليون، پوچتىخانىنىڭ خەت - چەك، گېزىت - ژۇرناللارنى كۆرسىتىلگەنئادرېسقا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان خادىمى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
«پوچتا Ⅱ» نى ھەيدەيدىغان كىشى، كوچىر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پوچتىخانىنىڭ خەت - چەك، گېزىت - ژۇرنال توشۇش - تارقىتىش ئىشىنى قىلىدىغان خادىم.
«چىپەرچى» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
پوچتىكەش قولىدا خەت كۆتۈرۈپ كەلدى، ئاتام خۇشاللىقىدىن ئورنىدىن سەكرەپ تۇردى، ئاكامدىن خەت كەپتۇكەن. تۇرسۇنگۈل ھەر كۈنى پوچتالىيوننى كۈتۈپ تۇرىدۇ. پوچتىچى _ ۋاستىچى، ئۇلارنىڭ خىزمىتى مۈشكۈل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<پوچتا> دېيىلىدىغان ھارۋىنى ھەيدىگۈچى كىشى.
شۇ چاغدا پوچتىكەش ئويناقلاپ تۇرغان ئاتلارنى كەينىگە شوخشىتىپ، پوچتىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە+پارىسچە
پوچتىخانىنىڭ خەت - ئالاقە، گېزىت - ژۇرنال قاتارلىق نەرسىلىرىنى توشۇغۇچى خادىمى.
دەرۋازا غىچىلداپ ئېچىلىپ، پوچتىكەش كىرىپ كەلدى.