Uyghur←ChineseMain Dictionary
پىنىيا دۆلىتى
Domain: دۇنيا تارىخى邦牙国
bāng yá guó
ⅩⅣ ئەسىردە شەنزۇ مىللىتى بىرمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قۇرغان فېئوداللىق كىچىك دۆلەت. 1287 - يىلى پاگان سۇلالىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن، بىرما شەنزۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان. 1312 - يىلى شەنزۇلارنىڭ باشلىقى تىخاتۇ پىنىيا شەھىرى ( ھازىرقى ئاۋانىڭ جەنۇبىدا) نى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنى خان قىلىپ تىكلىگەن. 1364-يىلى بەشىنچى ئەۋلاد ھۆكۈمران نارتۇ (1359 - 1364) شەرقىي شىمالىدىكى مۇشەنزۇنى قوشنىسى ساگانى ئىشغال قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. لېكىن ئۇ پىنسىيانىمۇ ئىشغال قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي مۇشنەزۇ قايتىپ كېتىپ، ساگانىڭ پادىشاھ جەمەتى تادومىنبيا ساگا دۆلىتى بىلەن پىنىيا دۆلىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاۋا سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىققان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.