Uyghur←ChineseMain Dictionary
پلېۋېن پىلانى
دۇنيا تارىخى
普利文计划
pǔ lì wén jì huà
فرانسىيە غەربىي ياۋروپانىڭ ھەربىي ئىتىپاقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكلىپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان پىلان. 1950-يىلى كۈزدە، فرانكفورتتا ئېچىلغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەت يىغىنى ۋە ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 12 دۆلەت مىنىستىرلار يىغىنىغا <ياۋروپا ئارمىيىسى> نى قۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. 01 - ئاينىڭ 24 ـ كۈنى فراسنىيە زۇڭلىسى پلېۋېن (؟ 1901 - ) ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىن ئارمىيىگە ئىگە بولماسلىقى، ئەمما <ياۋروپا ئارمىيىسى> دە ئاز ساندا ئىتتىپاق گېرمانسىيىنىڭ قوشۇنى بولۇشى بەلگىلەنگەن بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان.1954-يىلى 10 - ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليوكسىمبۇرگ قاتارلىق دۆلەتلەر <پارىژ كېلىشىمى> نى ئىمزالاپ، ئىتتىپاق گېرمانىيىسىگە بولغان ئىشغالىيەتنى ئاياغلاشتۇرپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى دائىرىسىدىكى غەربي ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش، ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتناشتۇرۇش قاتارلىقلارنى بەلگىلىگەن.1955-ىل 5-ئايدا <پارىژ كېلىشىمى> كۈچكە ئىگە بولۇپ، غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلغان.