Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېلوپوننېس ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
伯罗奔尼撒同盟
bó luó bēn ní sǎ tóng méng
سپارتا باشچىلىقىدىكى پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى (جەنۇبىي گرېتسىيە) شەھەر دۆلەتلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ھەربىي، سىياسىي ئىتىپاق. مىلادىدىن تەخمىنەن 530 يىل ئىلگىرى پېلوپوننېس ئارىلىدىكى كۆپ سانلىق شەھەر دۆلەتلىرى (شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى ئاگرس، غەربىي شىمالدىكى ئاگىيە رايونىدىن باشقا) ئىتتىپاقچى شەھەر دۆلىتىنىڭ، ئاساسلىقى سپارتا قۇلدارلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىش غەرىزىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان. شەكىل جەھەتت بارچە زور مەسىلىلەرنى ھەر يىلى سپارتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىتتىپاقچىلار ۋەكىللىرى كېڭەشمىسى بىر تەرەپ قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى داۋامىدا ئىتتىپاقچى شەھەر دۆلەتلىرى (سپارتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) ئافىنا بىلەن بىرلىشىپ پېرسىيىگە قارشى تۇرغان. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىتتىپاقچىلار بىلەن ئافىنا ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى زىددىيەت كۈنسېرى ئۆتكۈرلىشىپ، ئاخىر گرېتسىيىدا خوجايىنلىق قىلىشنى تالىشىش يۈزىسىدىن پېلوپوننېس ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 431 - 404) نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇرۇشتا سپارتا غەلىبە قىلغان. بۇ ئىشتىن كېيىن سپارتائاقسۆڭەكلەر كۈچىنى پائال يۆلەپ، باشقا دۆلەتلەر (جۈملىدىن ئىتتىپاقچىلار) نىڭ ئىچكىئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كەلگەن. مىلادىدىن 394يىل ئىلگىرى تېببېس ئافىنا، كورىنتوس (ئەسلى سپارتانىڭ ئىتتىپاقدىشى) قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سپارتاغا قارشى چىققان. مىلادىدىن 371 يىل ئىلگىرى ئىپامېنوندا سپارتانى مەغلۇپ قىلىپ (لىئوكتىراجېڭىدە)، ئىككىنچى يىلى پېلوپوننېسقا يۈرۈش قىلغان. ئىتتىپاق بىلەن سپارتانىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقى شۇنىڭ بىلەن يىمىرىلگەن.