UyghurMain Dictionary
پىلىچىلىك
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۈجمە ئۆستۈرۈپ، پىلىچىلىك، يىپەكچىلىك، مەشۇتچىلىك ۋە يىپەك توقۇلمىچىلىقتىن ئىبارەت كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىچكى - تاشقى بازارنى تەمىن ئېتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پىلىچىلىك ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بىر يۈرۈش جەريانلاردىن ئۆتىدۇ.
ئۇرۇق ساقلاش: يىغىۋېلىنغان ئۇرۇق پاكىز داكا خالتىغا ئېلىنىپ، ئىسسىق ۋە نەملىكى مۆتىدىل بولغان جايدا، كېلەر يىلى 4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، يەنى ئۈجمە يوپۇرمىقى قۇلاق تارتقۇچە ساقلىنىدۇ. پىلە ئۇرۇقىنى ساقلىغان ئۆينىڭ ھاۋاسى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدا تەڭشەپ تۇرۇلىدۇ. 2 -، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە پىلە قۇرتى تىرىلىشقا باشلايدۇ. بەزى ئۇرۇقلار يېرىلىپ قۇرت چىقىشقا باشلايدۇ. بۇنى پىلىچىلار <خەۋەرچى قۇرت> دەپ ئاتايدۇ. 4 - ئاي كىرىش بىلەن ئۈجمە يوپۇرمىقى قۇلاق تارتىپ تەڭگىدەك بولىدۇ. دەل مۇشۇ چاغ پىلە قۇرتلىرىنىڭ ئاساسەن تىرىلىشكە باشلىغان مەزگىلى بولىدۇ. پىلىچلار ئۈجمىنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرىنى توغراپ چوڭ داسقا سېلىپ، ئۈستىگە پىلە ئۇرۇقىنى تەكشى سالىدۇ ۋە ئۇرۇقنىڭ ئۈستىنى يەنە غازاڭ بىلەن ياپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرىنچىدىن، پىلە ئۇرۇقىنىڭ يېرىلىپ قۇرت چىقىشتا تەلەپ قىلىدىغان قاراڭغۇلۇق ھەل قىلىنسا، ئىككىنچىدىن، چىققان قۇرتلارنى غازاڭ بىلەن (قۇرت تۇخۇمىدىن چىقىپ ئىككى - ئۈچ سائەت ئۆپچۆرىسىدە غازاڭ يېيىشكە كىرىشىدۇ) تەمىن ئېتىدۇ. تۇخۇمدىن چىققان قۇرتلار غازاڭ يېيىشكە كىرىشىپ تېزلا چوڭىيىشقا باشلاپ، چۈمۈلسىمان بولۇپ ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يېتىلىپ، ئۆرلەشكە باشلىغان قۇرتلارغا خوتەن قەغىزى قويۇپ بېرىدۇ. قۇرتلار قەغەز ئۈستىگە چىقىدۇ. بۇ چاغدا تۇيدۇرماي قەغەزدىكى قۇرتنى ئىككىنچى داستىكى ئۈجمە غازىڭى ئۈستىگە قويىدۇ. دېمەك، يېتىلگەن قۇرتلار شۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە قېتىم يۆتكىلىش ئارقىلىق بىرقانچە داسقا ئېلىنىدۇ. بۇ چاغدا بېرىلىدىغان غازاڭ قۇرتلارنىڭ چوڭىيىش دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ. كىچىكلىرىگە يۇمران ياكى توغرالغان غازاڭ، چوڭلىرىغا ئادەتتىكى غازاڭ بېرىلىدۇ. پىلە قۇرتى ئۇرۇقتىن چىقىپ تەڭشەلگەندىن كېيىن سۇجەك ياساپ (قەۋەتلىك پىلە بېقىش چەللىسى) ھەربىر قەۋىتىگە بورا سېلىپ داسلاردىكى يېتىلگەن قۇرتلار سۇجەككە يۆتكىلىدۇ. غازاڭ يەنىلا دەرىجىسىگە قاراپ بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار پىلە باقىدىغان ئۆينىڭ ۋە پىلە باققۇچىلارنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. خەلق ئارىسىدا پىلە بېقىشتا رىئايە قىلىدىغان مۇنداق تۈزۈملەر يولغا قويۇلغان:
① ئۇيغۇرلار پىلەخانىغا ناپاك كىشىلەر، ئاغرىغان ئاياللارنى كىرگۈزمەيدۇ. پىلەخانىدا ناشايان ئىش، ھەتتا تاماكا چېكىش، ئىس - تۈتەك تارقىلىشقا يول قويمايدۇ. ② چاڭ - توزانلىق يوپۇرماق ۋە قىغ، ئەخلەت ئالغان سېۋەتكە يوپۇرماقنى پىلىگە بەرمەيدۇ. ③ كېچە - كۈندۈز پىلە يېنىدىن ئايرىلماي پىلە قۇرتلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ۋە ھاۋا ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىدۇ. ④ پىلە باقىدىغان ئۆيگە مۇناسىۋەتسىز غەيرىي كىشىلەرنىڭ كىرىپ - چىقىشى مەنئى قىلىنىدۇ، ⑤ پىلەخانىغا پات - پات ئىسرىق سېلىنىدۇ.
پىلە قۇرتى يېتىلگەندە، ھەرىكەت دائىرىسى ئاشىدۇ. بۇ چاغدا پىلە قۇرتىغا قامغاق سېلىپ بېرىدۇ. قۇرتلار قامغاققا يامىشىپ يىپەك - غوزا يۆگەيدۇ. غوزا يۆگەپ بولغان قۇرت تېپىرلايدۇ ۋە غوزىنى تېشىپ چىقىپ ئۇرۇقلايدۇ، پىلىچىلار غوزىنى ئېلىپ قۇرۇتىدۇ. پىلە قۇرتىنى پاكىز خالتىغا دەرىجىسى بويىچە سېلىپ كېلەر يىلغا ساقلايدۇ. شۇنداق قىلىپ پىلە ئۇرۇقى يىپەككە ئايلانغۇچە بىر يۈرۈش مۇرەككەپ ئەمگەك جەريانلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. (ش)
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
پىلە قۇرتى ناھايىتى نازۇك كېلىدۇ، شۇڭا جەنۇبىي جۇڭگو تەرەپتە ئۇنى ئەركىلىتىپ «قوزام» دەپ قويىدۇ، پىلە قۇرتى بېقىشنى «پىلىگە قاراش» دەپ ئاتايدۇ، پىلە قۇرتى باققۇچىلارنى «پىلىچى ئانا» دەپ ئاتاپ، پىلە قۇرتى بېقىشنى بالا تەربىيىلەشكە ئوخشىتىدۇ.
پىلە قۇرتىگە ئاسانلا كېسەل تېگىدۇ، كېسەل تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جېجياڭنىڭ خاڭجۇ، جياشىڭ، خۇجۇ تۈزلەڭلىكلىرىدە پىلىخانىلارغا يات كىشىلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. پىلە قۇرىتى بېقىلىۋاتقان مەزگىلدە ھەتتا قوشنىلارمۇ ئۆزئارا كىرىپ - چىقىش قىلمايدۇ، پەقەت سىرتتا تۇرۇپلا سۆزلىشىدۇ. پىلە قۇرىتى باققۇچىلار ئىشىك بېشىغا قىزىل قەغەز چاپلاپ، ئۈستىگە «پىلە قۇرىتى بېقىلىۋاتقان پەسىلدە كىرىشكە بولمايدۇ» دەپ يېزىپ قويىدۇ. ئەگەر كىم ئۆزىنى چاغلىماي بوسۇغىدىن ئاتلىماقچى بولىدىكەن، ئايال خوجايىن بىر تەلەڭگە مۇزدەك سۇنى بېشىغا چېچىۋېتىدۇ. كېلىدىغان ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن جىددىي ئىشى بولۇپ، بۇ پىلە قۇرىتى باققۇچىنىڭ ئۆيىگە كېلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، چوقۇم قولىغا بىر تۇتام ئۈجمە يوپۇرمىقى ئېلىپ، پىلە غوزىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا دۇئا - تىلەك قىلىش مەزمۇنىدىكى گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئاندىن ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ كېلىش سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. پىلە قۇرتىنى ئەشلىككە چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشىك بېشىغا بىر تال تاياق سانجىپ قويۇلىدۇ، تاياقنىڭ ئۇچىغا بىر پىلە ئەشلىكى، ئۈستىگە قىزىل خالتا باغلاپ، بۇ يەردە ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ۋە يات كىشىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى جاكارلىنىدۇ.
پىلە قۇرتى بېقىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇن پەرھىزلەر بولۇپ، كۆپ بولغاندا20 نەچچە تۈرلۈككە يېتىدۇ. بۇ پىلىچىلىك پەرھىزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا توپلىنىپ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىلىرى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، پىلە قۇرتى بېقىشتا بەك سوغۇق، بەك ئىسسىق بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدىغانلىقى، پىلىخانىدا ئىس ۋە باشقا سېسىق پۇراقلار بولسا بولمايدىغانلىقى، ھۆل يوپۇرماق، ئىسسىق يوپۇرماقلاردا باقسا بولمايدىغانلىقى، ۋەھاكازالار. بەزىبىر قىسىم ئادەتلەر خۇراپاتلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوق.
پىلە قۇرتى باقىدىغان يۇرتلاردا بەزى گەپلەر مەنئى قىلىنىدۇ، بەزى خەتلەرنىڭ ئاھاڭىنى توغرىسىنى دېيىشكە بولمايدۇ، بەلكى ئورنىغا باشقا بىر گەپنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، لياڭسەن (蚕亮) دېگىنىمىز بىر خىل پىلە قۇرتى كېسەللىكى بولغاچقا، لياڭ (亮، يورۇق) سۆزى ئىشلىتىلمەيدۇ، تاڭ يورۇدى دېيىلمەي، تاڭ كۆز ئاچتى دېيىلىدۇ.
«جياڭسەن» (蚕僵) دېگەنمۇ بىر خىل كېسەللىك بولغاچقا، «جياڭ» سۆزىگە ئاھاڭداش سۆزلەر ئىشلىتىلمەيدۇ، «شىڭجياڭ» (ھۆل زەنجىۋىل)
«لاخۇڭ» (烘辣) دېيىلىدۇ، «جياڭيۇ» (油酱) دېگەن سۆز «يەنسې» (色颜) دەپ قوللىنىلىدۇ.
دېھقانلار كالېندارى بويىچە3 -،4 - ئايلار ئارىلىقىدا ھەم بۇغداي ئورمىسىغا ۋە شال مايسىسى تىكىشكە تەييارلىق كۆرۈلىدۇ، ھەم باھار پىلە قۇرتى بېقىش باشلىنىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن ئالدىراشچىلىق ئۈستىگە ئالدىراش بولىدىغان مەزگىل. ئەمما پىلە قۇرتى باقىدىغان يۇرتلاردا نۇرغۇن پائالىيەتلەر پىلىچىلىك پەرھىزلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە بويسۇنىدۇ. ئىلگىرى پىلىچىلىك ئالدىراش پەسىللەردە ھەتتا ئوردا ئىمتىھانى، ھەربىي پارات، باج يىغىش، ئادەم تۇتۇش ۋە دېلو ئىشلەش قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىمۇ ئىلاجسىز ۋاقىتلىق بېجىرىلمەيتتى. پىلە غوزەكلىرى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنلا، ئاندىن تۇغقانلار، دوستلار ئارا بېرىش - كېلىش، ئۆزئارا يوقلىشىش باشلىنىدۇ. ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر ئۆزئارا چوشقا پاچىقى، بېلىق، مېۋە - چېۋىلەرنى سوۋغا قىلىشىدۇ، بۇ »پىلىچىلىك خەۋىرىنى يەتكۈزۈش« دەپ ئاتىلىدۇ. بولۇپمۇ قىزى ياتلىق قىلىنىپ تۇنجى پىلە قۇرتى باققان پەسىلدە، قىزىنىڭ ئاتا - ئانىسى مول سوۋغاتلارنى ئېلىپ كۈيئوغلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلاپ پىلىچىلىك خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پىلە بېقىش ۋە يېتىشتۈرۈش ئىشى، كەسپى.
پىلىچىلىك بىلەن شۇغۇللانماق.