UyghurMain Dictionary
پلازمودىيىسى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
بەزگەك پلازمودىيىسى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك، ئەڭ ئىپتىدائىي بولغان بىر خىل ئىپتىدائىي ھايۋان (پروتوزوئا) بولۇپ، گەرچە پۈتۈن تېنى ئاران بىر ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بەزگەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى. بەزگەك پلازمودىيىسىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان، لېكىن ئادەم بەدىنىدە پارازىت ياشايدىغان بەزگەك پلازمودىيىسىنىڭ دۆلىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئۈچ تۈرى بار. ئۇلار بەزگەكنى كۈن ئارىلاپ بىر قېتىم قوزغايدىغان كۈن ئارىلاپ تۇتىدىغان بەزگەك پلازمودىيىسى؛ بەزگەكنى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم قوزغايدىغان ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تۇتىدىغان بەزگەك پلازمودىيىسى؛ بەزگەكنى قوزغاش دەۋرىيلىكى قانۇنىيەتسىز بولىدىغان يامان سۈپەتلىك بەزگەك پلازمودىيىسى قاتارلىقلار.
بەزگەك پلازمودىيىسىنىڭ ئىككى پارازىت ئىگىسى بولۇپ، ئۇ ئادەم بىلەن چىشى ئانوفېلېس پاشىسىدا نۆۋەتلىشىپ پارازىت ياشايدۇ. بەزگەك پلازمودىيىسىنى ئېلىپ يۈرگەن ئانوفېلېس پاشىسى ئادەمنى چېقىپ قېنىنى شورىغاندا ئۇنىڭ شۆلگىيىدىكى بەزگەك پلازمودىيىسىنىڭ سپورىسى (سپوروزوئىد) شۆلگەي بىلەن ئادەمنىڭ قېنىغا كىرىدۇ. تەخمىنەن30 مىنۇتتىن كېيىن سپورا ئادەمنىڭ جىگەر ھۈجەيرىسىگە كىرىدۇ ھەمدە جىگەر ھۈجەيرىسىدىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ ئۈزلۈكسىز تۈردە بۆلۈنۈپ كۆپىيىپ، بۆلۈنۈپ كۆپەيگۈچى تەنچە (شزونت) لەرنى ھاسىل قىلىدۇ. بۆلۈنۈپ كۆپەيگۈچى تەنچىلەر جىگەر ھۈجەيرىسىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە كىرىدۇ، بۆلۈنۈپ كۆپەيگۈچى تەنچىلەر قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئىچىدە ئۈزلۈكسىز بۆلۈنۈپ كۆپىيىپ، ئۆزى تۇرغان قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يەنە باشقا قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە كىرىۋالىدۇ. مۇشۇنداق دەۋرىيلىنىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ھەر قېتىم بۇزغاندا بەزى مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئادەم بەدىنىدە بىردەم توڭلايدىغان، بىردەم قىزىيدىغان دەۋرىي خاراكتېرلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، مانا بۇ بەزگەك دەپ ئاتىلىدۇ.
① كۈن ئارىلاپ تۇتىدىغان بەزگەك پلازمودىيىسى
② ئۈچ كۈندە بىر تۇتىدىغان بەزگەك پلازمودىيىسى
③ يامان سۈپەتلىك بەزگەك پلازمودىيىسى
بۆلۈنۈپ كۆپەيگۈچى تەنچە ئادەم بەدىنىدە بىرقانچە قېتىم بۆلۈنۈپ كۆپەيگەندىن كېيىن، بىر قىسمى ئانىلىق، ئاتىلىق گامېتىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئانوفېلېس پاشىسى ئادەمنى چېقىپ قېنىنى شورىسا بىر قىسىم ئانىلىق، ئاتىلىق گامېتىلار پاشىنىڭ ئاشقازىنىغا كىرىدۇ ھەمدە شۇ يەردە ئۇرۇقلىنىپ كۆپىيىپ نۇرغۇن سپوروزوئىدلارنى ھاسىل قىلىدۇ. سپوروزوئىدلارنى ئېلىپ يۈرگەن ئانوفېلېس پاشىسى يەنە ئادەم چېقىپ قان شورىغاندا، بەزگەك پلازمودىيىسى يېڭى بىر قېتىملىق كۆپىيىش دەۋرىيلىكىنى باشلايدۇ. ئىككى خىل كۆپىيىش ئۇسۇلى نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزگەك پلازمودىيىسى كەڭ تارقىلىدۇ.
بەزگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتىكى ئەڭ تۈپكى تەدبىر ئانوفېلېس پاشىسىنى يوقىتىپ، يۇقۇش مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بەزگەك پلازمودىيىسىنى مۇھىم بولغان ئارىلىق پارازىت ئىگىسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، كۆپىيەلمەيدىغان قىلىشتىن ئىبارەت.