Uyghur←ChineseMain Dictionary
پلاستىد
بىئولوگىيە
质体
zhìtǐ
مەخسۇس ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدە بولىدىغان بىر خىل ھۈجەيرە ئورگانلىرىدۇر. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا سىرتىنى ئىككى قەۋەت بىرلىك پەردە (ئىچكى، سىرتقى پەردە) نىڭ ئوراپ تۇرغانلىقى، ئىككى قەۋەت پەردىنىڭ ئارىلىقىدىكى سۈزۈك بوشلۇق بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. تەركىبىدىكى پىگمېنت ۋە فۇنكىسىيىسىگە ئاساسەن خلوروپلاست، خروموپلاست ۋە لېيكوپلاست (ئاق پلاست) تىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. خلوروپلاستنىڭ تەركىبىدە خلوروفىل ۋە كاروتىن پىگمېنتلىرى بولىدۇ. باسال دانىچىلىك خالتىسىمان قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق ۋە غوللىرىدىكى قوۋزاق قەۋەت ھۈجەيرىلىرىگە تارقالغان. ئۇنىڭ فۇنكىسىيىسى فوتوسېنتىز يۈرگۈزۈپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى خىمىيىلىك ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇش، كاربون - سۇ بىرىكمىلىرىنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت. خروموپلاستنىڭ تەركىبىدە كسانتوفىل، كاروتىن ۋە كاروتىنسىمان ماددىلار بولىدۇ، خلوروفىل، خالتىسىمان قۇرۇلمىسى بولمايدۇ. ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەزى ئورگانلىرى، مەسىلەن، گۈلتاجا ياپراقچىسى، مېۋە ۋە يىلتىز ھۈجەيرىلىرىگە تارقالغان بولۇپ، سېرىق ياكى قىزغۇچ بولىدۇ، فوتوسىنتېز يۈرگۈزمەيدۇ، ئۇنىڭ فۇنكىسىيىسى كراخمال ۋە ماي قاتارلىقلارنى يىغىشتىن ئىبارەت. لېكوپلاستتا پىگمېنت بولمايدۇ، كۆپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۆلۈنگۈچى توقۇلمىلىرى ۋە زاپاس ساقلىغۇچى توقۇلمىلىرىدا بولىدۇ، كراخمال، ئاقسىل ۋە مايلارنى ھاسىل قىلىش ۋە زاپاس ساقلاش رولى بار. فۇنكىسىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇ يەنە كراخمال ھاسىل قىلغۇچى پلاستىد، ئاقسىل ھاسىل قىلغۇچى ۋە ماي ھاسىل قىلغۇچى پلاستىدلارغا بۆلۈنىدۇ. خوندىرىئوسومغا ئوخشاش پلاستىدلار DNA ۋە RNA لار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىرسىيەت سىستېمىسى ۋە ئاقسىللارنى سېنتىزلاش سىستېمىسى بولىدۇ، شۇڭا ئۆز - ئۆزىگە بەلگىلىك خوجىدارلىق قىلالايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىرسىيەت فۇنكىسىيىسى بەلگىلىك چەكلىمىگە ئىگە بولغانلىقتىن، چوقۇم يادرودىكى ئىرسىيەت سىستېمىسىغا ماسلىشىشى ھەمدە ئۇنىڭ قاتنىشىشى بىلەن (يېتەكچىلىك بىلەن) لا ئاندىن نورمال فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بەزى كىشىلەر ئۇنى خلوروپلاست، خوندىرىئوسومغا ئوخشاش يېرىم غوجىدارلىققا ئىگە ھۈجەيرە ئورگىنى دەپ قارايدۇ.
تېببىي,ئۇنىۋېرسال
质体
zhì tǐ