Uyghur←ChineseMain Dictionary
پلاسمىد
بىئولوگىيە
质粒
zhìlì
خروموسوما سىرتىدىكى ئىرسىيەت ماددىسى. ئاساسەن باكتېرىيە ھۈجەيرىسىدە خروموسوما سىرتىدىكى ھالقىسىمان كىچىك DNA مولېكۇلىسىغا قارىتىلغان بولۇپ، پلاسمىد ۋە قوشۇمچە تەنچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ - كىچىكلىكى تەخمىنەن باكتېرىيە خروموسومنىڭ 3 / 1 دەك بولىدۇ. پلاسمىد باكتېرىيە خروموسومىسى بىلەن پۈتۈن بىرىكمەستىن ستوپلازمىدا مۇستەقىل بولىدۇ. قوشۇمچە تەنچە ياكى سىتوپلازمىدا مۇستەقىل بولىدۇ، ياكى باكتېرىيە خروموسومىسى بىلەن پۈتۈن بىرىكىدۇ. مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ F فاكتورى (يېتىلدۈرگۈچى فاكتور) ۋە باكتېرىئوفاگ. ئىرسىيەت قۇرۇلۇشىدىكى DNA قايتىدىن بىرىكىش تېخنىكىسىدا پلاسمىد ياكى λ باكتېرىئوفاگدىن سىرتقى مەنبەلىك DNA ياكى گېننىڭ توشۇغۇچىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. <قوشۇمچە تەنچە> گە قاراڭ.