Uyghur←ChineseMain Dictionary
پلانارىيىلەر سىنىپى
بىئولوگىيە
涡虫纲
wōchónggāng
ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. ئۇلارنىڭ تېنى يۇمشاق، ياپىلاق، بوغۇملارغا بۆلۈنمەيدۇ؛ بەدەن سىرتىدا كىرپىك تۈكلىرى بولىدۇ. كىرپىك تۈكلىرىنىڭ قىمىرلىشى ۋە مۇسكۇللىرىنىڭ رولى بىلەن جىسىملارنىڭ ئۈستىدە دولقۇنسىمان ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلالايدۇ، بەزى تۈرلىرىنىڭ ھەزىم قىلىش يولى ئاددىي تۈز تاياقسىمان، بەزى تۈرلىرىنىڭ ھەزىم قىلىش يولى مۇرەككەپ تارماقلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەممىسىدىلا ئانۇس بولمايدۇ. قوش جىنسلىق، لېكىن باشقا تەندىن ئورۇقلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. جىنسسىز كۆپىيىش يولى بىلەنمۇ كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭ قايتا تۆرىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىككى بۆلەك قىلىپ كېسىۋېتىلسىمۇ، ھەر بىر بۆلىكىنىڭ كېسىۋېتىلگەن قىسمى يەنىلا ئۆسۈپ چىقالايدۇ. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى دېڭىز سۈيى، تاتلىق سۇ ياكى تۇپراقتا ئەركىن ياشايدۇ. مەسىلەن، پلانارىيە (planaria)، كىچىك ئېرىقلاردىكى تاشلارنىڭ ئاستىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈن چىقىش، كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەرىكەتلىنىدۇ؛ بىپالىيۇم (توپا قۇرتى) بولسا، سالقىن نەم تۇپراقتا ھايات كەچۈرىدىغان بىر تۈر. ئۇلارنىڭ ئاز ساندىكى تۈرلىرى ئورتاقلىشىپ ياشاش ياكى پارازىتلىنىپ ياشاش باسقۇچىغا ئۆتكەن.