—Reference
پېلاگېي تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
يەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئاراللار. بۇ ئاراللار لامپىدوسا، لىنوسا، لامپىئونېدىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ مەيدانى چوڭ بولمىسىمۇ ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئۇ مەمۇرىي جەھەتتىن ئىتالىيىگە قارايدۇ. بۇ ئاراللار ئىتالىيىنىڭ سېلىسىيە ئارىلى بىلەن ئافرىقىدىكى تۇنىس ئارىلىقىدىكى سۇ يولىنى توسۇپ تۇرىدۇ.