Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېلاگىچ
Domain: دۇنيا تارىخى倜拉利契
tì lā lì qì
(1838 - 1899) سېربىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكرات، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ ئەربايى. بوسنىيە ۋە سېربىيىدە تەربىيە ئالغان. 1863 - 1865 - يىللىرى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1866 - يىلى سېربىيىدە مەكتەپ بەرپا قىلىپ، چوڭ موتىۋەللى مەنسىپىگە ئىگە بولغان. 1868-يىلى تۈركىيىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقتىن كچىك ئاسىياغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1875 - 1878-يىللىرى گېرتسېگوۋىنا - بوسنىيىدە تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قاتنىشىپ، قوزغىلاڭنىڭ مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. 90-يىللاردا قول سانائەتچىلەر ۋە ئىشچىلار جەمئىيىتىنى قۇرغان. 90-يىللاردا قول سانائەتچىلەر ۋە ئىشچىلار جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1895 - 1896 - يىللىرى <سوتسىيالىزمچىلار> گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان. تەبىئەت دۇنياسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدى، ئەمگەكنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولى ۋە سوتسىيالىزم قاتارلىق ماتېرىيالىستىك نۇقتىئىنەزەرنى تەشۋىق قىلغان. ماكس ۋە ئېنگېلس بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن يۇگوسلاۋىيىدە سوتسىيالىستىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. <ئامما بىلەن شەخسنىڭ ئىلغار تەرەققىياتىنىڭ يەكۇنى>، <بەختلىك تۇرمۇش يولى، يەنى يېڭى پەن ۋە ئادەم>، <سوتتسىيالىزم ۋە جەمئىيەتنڭ تۈپتىن گۈللىنىشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.