UyghurMain Dictionary
پىكىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسان چوڭ مېڭىسىنىڭ پائالىيىتى.
<ئوي> كۆڭۈلگە پۈككەن ئۈمىد، ئارزۇ.
<پىكىر> ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىنسان ئېڭىدا تەپەككۇر پائالىيىتىدىن ھاسىل بولغان نەتىجە.
<تەپەككۇر> ئۇقۇم ئاساسىدا ئانالىز، سىنتېز، ھۆكۈم، پەرەزگە ئوخشاش بىلىش پائالىيىتىنىڭ جەريان
ئوي - سۆزنىڭ بۇلىقى. ئادەم قېرار، پىكىر قېرىماس. ئۆزۈڭدىن يۇقىرىغا قاراپ پىكىر قىل، ئۆزۈڭدىن تۆۋەنگە قاراپ شۈكۈر قىل. ئوي - پىكىرنىڭ خورىشى ئۆمۈرنىڭ قىسقىرىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. تەپەككۇر بولمىسا، كۆز ھەر قانچە يوغان بولسىمۇ بىكار. ئادەمنىڭ ئېڭى ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە ئوبيېكتىپ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سېزىم ئىنساننى توغرا پىكىر قىلىشقا باشلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسە ياكى كىشى ھەققىدە ئوي - خىيال، مۇلاھىزە.
لەيلىگۈلنىڭ مېڭىسىدە <ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ> دېگەن دەھشەتلىك پىكىر لاۋۇلداپ يېنىپ كەتتى.
بىرەر ئىش ھەققىدە قىلىنىدىغان تەكلىپ؛ مەسلىھەت.
رۇستەم دوستىنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى، لېكىن شائىرنى بۇنىڭغا كۆندۈرۈش ئاسانغا چۈشمەيتتى.
بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش، بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى نىيەت، مەقسەت.
ئەركىن خەلچەمنىڭ كۆزىدىن چىققان ئىككى تامچە ياشنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى يەنە ئەيىبلەش پىكرىدىن قايتتى.
بىرەر نەرسە ئۈستىدە يۈرگۈزۈلگەن مۇلاھىزە نەتىجىسى؛ يەكۈن، خۇلاسە.
ئۇلار ئۇزۇن مۇزاكىرىلىشىپ ئاخىرى بىر پىكىرگە كەپتۇ.
چۈشەنچە، بىلىم؛ ئاڭ، ئەقىل.
پىكرى ئوچۇق.
ھەرقانداق ئادەم ئەقىل بىلەن پىكىرنى كىتابتىن شۇنداقلا ئەمەلىي تۇرمۇشتىن قوبۇل قىلىدۇ.
دۇنيا قاراش، مەسلەك.
- نېمە ئۈچۈن، ئەزىزىم، ئادەملەرگە يامان پىكىردە بولۇۋېرىسىز؟ - دېدى سادىر ھەيران بولۇپ.