Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېك
دۇنيا تارىخى
皮克
pí kè
(1876 - 1960) گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1949 - 0196). گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى. ياغاچچىلىقتىن كېلىپ چىققان. برېمېندا ئۇزاققىچە ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1865-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا چاقىرىق بويىچە ئارمىيىگە قاتنىشىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى مەزگىلىدە سپارتاك ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ۋە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان. 1921 - 1928 - يىللىرى پرۇسسىيە شتاتى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1928 - 1933 - يىللىرى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، پارلامېنت مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ پارتىيىنىڭ سىياسەت، نىشان ۋە ۋەزىپىلىرىنى تەشۋىق قىلغان. 1931-يىللىرى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، پارلامېنت مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ پارتىيىنىڭ سىياسەت، نىشان ۋە ۋەزىپىرلىرىنى تەشۋىق قىلغان. 1931-يىلدىن باشلاپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىس ئەزاسى ۋە سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1933-يىلدىن باشلاپ پارىژ ۋە سوۋېت ئىتىتپاقىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1936-يىلى گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، فاشىزمغا قارشى بارلىق تەشكىلاتلارنى ئىتتىپاقىشىپ، فاشىستىك مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەركىن گېرمانىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1946-يىلى گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارىتيىسى قوشۇلۇپ، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلاr پارتىيىسى قوشۇلۇپ، گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى تەشكىل قىلغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 4919-يىلى ەېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان.
ئۇنىۋېرسال
پېك (قۇرۇق ھەجىم بىرلىكى)
配克
pèi kèDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
佩克〈南、美、比〉
pèi kè 〈nán 、měi 、bǐ 〉Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
皮克〈澳、英、美、圣赫、加〉
pí kè 〈ào 、yīng 、měi 、shèng hè 、jiā 〉