UyghurMain Dictionary
پيۇتر
دۇنيا تارىخى
(؟ - 969) بۇلغارىيە كورۇلى (927 - 969). كورۇل سىميوننىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىللەردە چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچى ئۇلغىيىپ، پادىشاھلىق ھوقۇق زاۋالىققا يۈز تۇتقان. ماكېدونىيە بۇلغارىيە پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان؛ فېئودالىزمغا قارشى بوگۇمىلىچىلار يامراپ كەتكەن. مىلادى 969-يىلى ساموئىل باشچىلىقىدىكى غەربىي بۇلغارىيە ئاقسۆڭەكلىرى غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان.