Chinese→UyghurMain Dictionary
平治之乱
دۇنيا تارىخى
تائىرا توپىلىڭى
ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئوتترىلىرىدىكى ياپونىيە ساموراي گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئېلىشىش ۋەقەسى. خوگېن توپىلىڭىدىن كېيىن، تائىرا كىيومورى كېيىنكى شىراكاۋا تېننو (1127 - 1192 - يىللار، 1158-يىلى ئورنىنى ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۇلۇغ تېننو دەپ ئاتالغان) نىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن، توپىلاڭنى تىنجىتىشقا نارازى بولۇپ، 1159-يىلى (پىڭ جىژ 1-يىلى)تائىراكىيومورىنىڭ شۇڭيې ئىلاھى سارىيىنى تاۋاپ قىلىشقا كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ فۇجىۋارا نوبۇيورى (1133 - 1159) بىلەن بىرلىشىپ، قوشۇن تارتىپ تېننو نىجۇ (1143 - 1165-يىللار، 1158-يىلى تەختتە ئولتۇرغان) بىلەن كېيىنكى ئۇلۇغ تېننو شىراكاۋانى نەزەربەنت قىلغان ھەمدە ئارزۇلۇق ۋەزىر فۇجىۋارا توروكىن (1106 - 1159) نى قەتلى قىلغان تائىراكىيومورى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان پايتەختكە قايتىپ، ئۇرۇش قىلىپ مىناموتويوشى تومو قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان: فۇجىۋارا نوبۇيورى ئۆلتۈرۈلگەن؛ مىناموتويوشى تومۇئوۋارى (بۈگۈنكى ئايچى ناھىيىسىنىڭ غەرب قىسمى) غا قېچىپ باراندا ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ 13 ياشلىق ئوغلى مىناموتو يورى تومو ئىزۇغا سۈرگۈن قىلىنغان. مىناموتو جەمەتىنىڭ سامورايلىرىنىڭ كۈچى ۋاقتىنىچە ئاجىزلىشىپ، تائىرا جەمەتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك روناق تاپقان دەۋرى بارلىققا كەلگەن. كېيىنچە <پىڭ جى ھېكايەتلىرى> دە بۇ قېتىمقى ئۇرۇش پاراكەندىچلىكىنىڭ جەريانى تەسۋىرلەنگەن.