Chinese→UyghurMain Dictionary
平野国臣
دۇنيا تارىخى
ھرانوكونىئومى
(1828 - 1864) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى پادىشاھنى ھۆرمەت قىلىپ، ياتلارنى چەتكە قېقىش مەزھىپىنىڭ ئىرادىلىك ئادىمى. فوكوئۇكا ۋاسساللىقىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ياساۋۇلى. ئادەتتە كەنجى (ئىككىنچى) ئەزىمەتمۇ دېيىلىدۇ. لەقىمى دۇشىن شۈەن. دەسلەپتە پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، ياتلارنى چەتكە قېقىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1858 - يىلى ۋاسساللىق تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ، كيوتوغا كېلىپ پائالىيەت قىلغان. ئەنجىڭ يىللىرىدىكى ئەنسىزلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن كيوشۇ تەرەپلەردە ئايلىنىپ يۈرۈپ، شۇ جايدىكى پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، ياتلارنى چەتكە قېقىش پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. شۇ جەرياندا <پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ ياتلارنى چەت قېقىش پارچە خاتىرىلىرى> نى يازغان. 1862 - يىلى كيوتوغا كەلگەن، شى تيەنۋۇ ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، فوكۇكا ۋاسساللىقى تۈرمىسىگە قامالغان. 1863 - يىلى (ۋىنجۇ 3 - يىلى) قويۇپ بېرىلگەندە، كيوتوغا قايتا كىرىپ، ئۆگىنىش ئىنستىتۇتىدا ئەمەل تۇتۇپ، شوگناتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغوللانغان. شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى (شەمسىيە 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) دىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ناگاكاۋاغا كەتكەن. 11 - ئايدا (شەمسىيە 10 - ئايدا) ئىكونۇ (ھىيوگۇ ناھىيىسى) دە قوشۇن تارتىپ ۋەزىر زېشۈەنجا (1835 - 1873) نى قوللىغان، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ تۈرمىگە تاشلانغان. جىن مېن ئۆزگىرىشى بولغاندا ئۆلتۈرۈلگەن.