Chinese→UyghurMain Dictionary
平等派
دۇنيا تارىخى
باراۋەرچىلەر
<باراۋەرلىك مەسلىكى> مۇ دېيىلىدۇ. ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئا دېموكرات رادىكاللار. ئىجتىمائىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، شەھەردىكى ئوتتۇرا، كىچىك دۇكاندارلار، قول ھۈنەرۋەنلەر، نىمكارلار، شاگىرتلار، شۇنىڭدەك يېزىلاردىكى ئاتا مىراس يەرلەرگە ئىگىداچىلىق قىلىدىغان ئەركىن دېھقانلار، سىياسىي جەھەتتە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى، يۇقىرى پالاتانى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سوتنى ئىخچاملاشتۇرۇشنى، ئومۇمىي سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە <ئۆشرە> بېجىنى، ئىستېمال بېجى ۋە باشقۇرۇش بېجىنى شۇنىڭدەك خاس پايدا ۋە مونوپولنى بىكار قىلىپ، ئەركىن سودىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىىدۇ ھەمدە يەرلەرنى قورشىۋېلىشقا قارشى تۇرىدۇ. ئۈلگىلىك قوشۇندىكى ئەسكەرلەر ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك تەسىرگە ئىگە بولغان. 1647 - يىلى <خەلق ئەھدىنامىسى> نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1649-يىلى قىسمەن باراۋەرچى ئەسكەرلەر ئىسيان كۆتۈرۈپ، كرومىۋېلغا قارشى چىققاندا مۇستەقىلىچىلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن تەسىرى تەدرىجىي ھالدا يوقالغان.